ماركا نامىنى يۆتكەش دىگىنىمىز  ماركا ئىدارىسىدا رويىخەتكە ئېلىنغان ئىناۋەتلىك ماركىنىڭ( ياكى رويىخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنۇلغان، تېخى كىنىشكىسى چىقمىغان ماركىنىڭ)  ھوقۇقىنى باشقا بىر كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، سىز  ئۆز نامىڭىزدىكى ماركىنى مەلۇم قىممەتتە باشقىلارغا ساتسىڭىز ياكى سېتىۋالسىڭىز چوقۇم ماركا نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ماركا نامىنى يۆتكىمەي، ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىدا ئىشلەتسىڭىز، كىيىنكى سودا-تىجارىتىڭىز تەرەققى قىلغاندا ماركىڭىزنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئەسلى ئىگىسىنىڭ كۆزى قىزىرىپ ، ماركىنى قايتۇرىۋېلىشى مۈمكىن، بۇنداق ئاۋارىچىلىقنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىنىش ، خاتىرجەم تىجارەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن ماركا نامىنى يۆتكەش ئىنتايىن مۇھىم.
ماركا نامىنى يۆتكەش ئۈچۈن كىتەرلىك ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1- ماركا نامىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى ؛
2- ماركىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنىڭ سالاھىيەت ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپەيتمىسى ( تىجارەت كىنىشكىسى ، كىملىك قاتارلىقلار)؛
3- ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ؛
4- ماركا ۋەكالەتچىلىرىگە ھاۋالە قىلىش خېتى ( بىۋاستە بېيجىڭغا بېرىپ بىجىرسىڭىز بۇ لازىم بولمايدۇ)؛
ماركا نامىنى يۆتكەش ئىلتىماسى يوللىنىپ تەخمىنەن 6 -10 ئايدا ماركا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىلىدۇ، ماركا رويىخەت كىنىشكىسى قايتا بېسىلمايدۇ. ئەسلىدىكى ماركا كىنىشكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئشىلىتىسىز.
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىدا قانۇنلۇق رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇپ، ماركا ئىشلىرىدىكى مول تەجرىبىسى بىلەن سىز ئۈچۈن سەمىمىي ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.