پاتېنت مۇنداق 3 تۈرلىك بولىدۇ:
1-كەشپىيات پاتېنتى  - تۇرمۇشقا قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدىغان ، بۇ ساھەدە باشقىلار بايقىمىغان ياكى ياساپ چىقمىغان يېڭى تېخنىكا، قورال-جابدۇق، ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2- قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىش پاتېنتى - باشقىلار بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ياساپ بولغان ئەمەلى نەرسىلەرنى ياكى تېخنىكىلارنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۆزگەرتىپ، قوللىنىشچانلىق ۋە قولايلىق جەھەتتە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقان تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ.
3- سىرتقى كۆرۈنۈش پاتېنتى - مەھسۇلات ئورالما قېپى، ماركا شەكلى ، رەڭگى قاتارلىق بىۋاستە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە نىسبەتەن مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

 

نەشىر ھوقۇقى بىجىرىش مۇلازىمىتى :
نەشىر ھوقۇقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ، يېزىقلىق ئەسەرلەر، يۇمشاق دىتال، كۈرۈنمە چاستوتىلىق ياكى ئاۋاز ئەسەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىنىدۇ
گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى - رەسىم ، ھۆسنىخەت، ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى، رەڭ ياكى باشقا بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە تەكشىلىك ياكى سىترىئولۇق سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  ماي بۇياق رەسىملەر، گىزىت- ژۇرنال ، كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسى ،
 كارخانىلارنىڭ بەلگىسى ، ماركا بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 
نەشىر ھوقۇقى بىجىرىش ئۈچۈن لازىملىق ماتىرىياللار:
- 1ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتلىرى( تىجارەت كىنىشكىسى ياكى كىملىك-شەخسلەر)؛
2
 ھاۋالە توختىمى ؛
3ئەسەر چۈشەندۈرۈلىشى ؛

4-ئەسەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسى ؛