36- تۈر : سۇغۇرتا،پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى؛پۇل،كۆچمەس مۈلۈك.

سۇغۇرتا،پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى؛پۇل،كۆچمەس مۈلۈك.

[ئىزاھات] 36- تۈر ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە كەسپىي ۋە پۇل كەسپىي تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ھەمدە تۈرلۈك سۇغۇرتا توختىمىغا ئالاقىدار  مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كەسپىي ۋە پۇل كەسپىگە ئالاقىدار  مۇلازىمەت،يەنى:(1)بانكا ھەمدە ئۇنىڭ ئالاقىدار ئاپراتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى،مەسلەن تاشقى پېرېۋوت بېدىكى ياكى ھېساب ئېنىقلاش ئاپراتى؛(2) بانكىنىڭ ئامانەت – قەرز تارمىقىغا تەۋە بولمىغان مۇلازىمەت،مەسلەن ئامانەت – قەرز ھەمكارلىق كوپراتىۋى،شەخسىي پۇل مۇئامىلە شىركىتى،قەرز بەرگۈچى قاتارلىق مۇلازىمەت؛(3)پاي كونترول شىركىتىنىڭ « ھاۋالە مەبلەغ » مۇلازىمىتى؛(4)پاي چېكى ھەمدە مال – مۈلۈك ۋاستىچى مۇلازىمىتى؛(5)كرېدىت ۋاكالەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ كېپىل بولغان پۇل كەسپىگە ئالاقىدار مۇلازىمەت؛(6)ساياھەت چېكى تارقىتىش ۋە كرېدىت گۇۋاھنامىسىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت؛مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىجارىگە بېرىش(ئېلىش)مۇلازىمىتى؛كۆچمەس مۈلۈكنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەت(قۇرۇلۇش)كە قارىتا مۇلازىمىتى، مەسلەن ئىجارىگە بېرىش-ئېلىش،باھالاش ياكى مەبلەغ غەملەش مۇلازىمىتى؛سۇغۇرتىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت،مەسلەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ۋاستىچىلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەت،سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە كېپىللىك قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

[3601 گورۇپ]  سۇغۇرتا

[3602 گورۇپ] پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى

[3603 گورۇپ] قىممەتلىك بويۇملارنى باھالاش

[3604 گورۇپ] كۆچمەس مۈلۈك ئىشلىرى

[3605 گورۇپ] ۋاسىتچىلىك

[3606 گورۇپ]  كېپىللىك بېرىش

[3607 گورۇپ] خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن ئىئانە توپلاش

[3608 گورۇپ] ھاۋالە بويىچە باشقۇرۇش

[3609 گورۇپ] رەنىگە قويۇش

ھەمبەھىرلەش