ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى « ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز » دەپ خېرىدارنى قايمۇقتۇرسا جەرىمانە قۇيۇلىدۇ

ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى « ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز » دەپ خېرىدارنى قايمۇقتۇرسا جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ماركا ۋەكالەتچىلىك كەسپىنىڭ تېزلىكتە تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بىرقىسىم كىشىلەر پايدا ۋە مەنپەئەت قوغلىشىپ ، توغرا بولمىغان رىقابەت ۋە قانۇنغا خىلاپ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ياكى زىيان كەلتۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىرقىلماقتا ، تۆۋەندە بىر قانچە ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بىرقىسىم مەسىلىلەرنى تۇنۇشتۇرماقچىمىز :
1-ئۆزىنى « دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى كۆرسەتكەن ۋەكالەتچىلىك ئورگىنى » دەپ تەشۋىق قىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش
مەسىلەن : بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەت خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىش مەقسىتىدە «ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » قاتارلىق ئۆزلىرى ياسىۋالغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ ئۈستىگە « دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى كۆرسەتكەن ۋەكالەتچىلىك ئورگىنى » دەپ يېزىۋالغان ، شۇنداقلا ئۆز توربېكىتىدە «شىركىتىمىز دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى كۆرسەتكەن ۋەكالەتچىلىك ئورگىنى» دەپ تەشۋىق قىلغان ، بۇخىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ ساختا تەشۋىقات قىلمىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بېيجىڭ شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئۇلارغا قانۇن بۇيىچە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان .
چۈشەندۈرۈش : ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى يەرلىك سودا – سانائەت ئىدارىسىدا تىزىملىتىپ ، دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىدا ئەنگە ئالدۇرىدىغان بولۇپ ، بارلىق ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى كەسپى جەھەتتە باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ ، ھەرگىزمۇ دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى نوقتىلىق كۆرسىتىدىغان ئىش يوق ، ماركا ۋەكالەتچىلىكىنى تاللىغاندا چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدىغان ، ئىشەنچىلىكنى تاللاڭ ، بىر نەچچە يۈز يۈەن ئەرزانكەن دەپلا ۋاقىتلىق ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنى ئىزدەپ بارسىڭىز ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنىڭ كىيىنكى باسقۇچلىرى نۇرمال تاماملانمايلا يولىڭىز تۇسۇلۇپ قېلىشى ، ئامالسىز باشقا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا شىكايەت قىلىپ ، ياردەم سوراپ بېرىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن .

2-«ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » نى ماركا رويىخەت ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنغانلىق ئىسپاتى دەپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالداش
مەسىلەن : بېيجىڭدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ چىڭداۋدىكى تارماق شىركىتىدىكى خىزمەتچى – خادىملىرى كەسىپ ئالاقىلاشقاندا « ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئوڭۇشلۇق بولمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز » ،« بىزنىڭ شىركەت ماركا ئىدارىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىق توختىمى ئىمزالىغان ، ماركا رويىخەتكە ئېلىشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك نىسبىتى 98 پىرسەنت كە يىتىدۇ » دىگەندەك دەپ ئاغزاكى ۋەدە بەرگەن ، بۇمۇ قانۇنغا خىلاپ ساختا تەشۋىقات قىلمىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ، بۇنىڭغا چىڭداۋ شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان .
چۈشەندۈرۈش : شىركەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا چوقۇم راستچىللىق بىلەن سۆزلىشى ، مۇبالىغە قىلىپ ، ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلماسلىقى كىرەك . ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى سۇنغاندا ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى بىراقلا ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرىدىغان بولۇپ ، ئەگەر ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا ماركا ئىدارىسى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا 1 پۇڭنىمۇ قايتۇرمايدۇ ، ئىلتىماس جەريانىدا ئەگەر ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى قايتۇرىۋىتىلگەن ئىلتىماسقا قايىل بولماي قايتا شىكايەت قىلسا ، ماركا ئىدارىسى قايتا تەكشۈرۈشكە يەنە ھەق ئالىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا ۋەكالەتچىلىرى رويىخەتكە ئېلىنمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز دىگىنى قايمۇقتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس،ئىنساۋى بولسا ، ئەڭ كۆپ بولغاندا كىيىنكى ماركا ئىلتىماس ھەققىدىن ۋەكالەتچىلىك ھەققىنى چىقىرىۋىتىمىز ، دىسە توغرا بولىدۇ . ماركىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنىش – ئېلىنماسلىقىغىمۇ مۈتلەق كاپالەتلىك قىلىشقا بولمايدۇ ، يەنى ، بىز مەلۇم ماركا ئىلتىماسىنى يوللىغان مەزگىلدە ، يېقىنقى 4-6 ئاي جەريانىدا باشقىلارنىڭ مۇشۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى توردىن تەكشۈرەلمەيمىز ، يەنە ، مەنىسى ياكى يېزىلىش ، ئوقۇلۇشى يېقىن كىلىدىغان ماركىلارغىمۇ %100 تولۇق يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى يوقارقى ئىشلارنى ئېنىق ئەسكەرتىشى ، خېرىدارنى قايمۇقتۇرماسلىقى كىرەك . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، خېرىدارلارمۇ باھاسى ئەرزانكەن دەپلا بىرقىسىم ئۆتكۈنچى ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ئىشىنىپ ، كىيىنكى باسقۇچلاردا زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك .

 
ھەمبەھىرلەش