دۆلەتلىك سودا – سانائەت باش ئىدارىسى : 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بېسىلىپ قالغان بارلىق ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بولىمىز


  2016- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى تاراتقۇلاردا « يېرىم يىل ئىچىدە بىر پارچىمۇ رويىخەت كىنىشكىسى ئالالمىدۇق » دىگەن ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، دۆلەتلىك سودا – سانائەت باش ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى ، ئىدارە باشلىقى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دەرھال بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ ، ۋاقتىدا ، ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .
ماركا رويىخەت كىنىشكىسى باستۇرۇش قەغىزىنى سېتىۋېلىش رەسمىيىتى بىرقەدەر مۇرەككەپ ، ھەرقايسى بۈلۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە باغلىنىشى راۋان بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى تارقىتىش كىچىكتۈرۈلۈپ ، ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قۇلايسىزلىق كەلتۈرگەن ئىدى ، سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىدى بۇ ئىش سەۋەبلىك سەمىمى كەچۈرۈم سورىدى .
نۆۋەتتە ماركا رويىخەت كىنىشكىسىگە ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەر تەييار بولدى ، 3- ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن باشلاپ سېمىنا قۇشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى بېسىپ تارقىتىدۇ ، 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئالدىنقى مەزگىلدە بېسىلىپ قالغان ماركا رويىخەت كىنىشكىلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ .
بىز چوقۇم تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن يەكۈنلەپ ، قەدەم باسقۇچلارنى ئەلالاشتۇرۇپ ، ئۈنۈمنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ ، يوقارقىدەك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالىمىز .
خەۋەر مەنبەسى : دۆلەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى
ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى www.marka.cn  0991-7777755
ھەمبەھىرلەش