« ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » ماركىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ؟

« ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » ماركىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ؟
 بىرقىسىم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەندە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ « ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنلا ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ئاخىرلىشىدۇ دەيدۇ ، شۇنداقلا « ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » نى كۆپتۈرۈپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسى تەستىقلانغاندەك تەسىر بېرىشىدۇ ،بۇخىل ئەھۋال ئىچكىردىكى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىدا  تاۋباۋ ، تىيەنماۋدىكىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ .  ئەمەلىيەتتە « ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » خېتى پەقەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنىڭ تولۇق بولغانلىقى ، كىيىنكى قەدەمدە ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىلىپ، رويىخەت ئىلتىماسى تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلىدۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن ، ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا ئۆلچەملىك يەتكۈزگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ ، ھەرگىزمۇ ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ . « ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » نى ماركا رويىخەت ئىلتىماسى سۇنۇپ 4ئاي ئەتراپىدا تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بولىدۇ . ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىغا « ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى » نى يەتكۈزگەندىن باشقا ، كىيىنكى باسقۇچلاردىكى ماركا ئىلتىماسىنىڭ تولۇق ياكى قىسمەن قايتۇرۇلۇشى ، ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈش ، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشى كىرەك .
 بىرقىسىم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تۇنۇماي ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەكشۈرۈش ، ماتىرىيال تەييارلاش خىزمىتىنى ئاددىي ئويلاپ ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئىقتىسادى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىمكان بار دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىدا ۋەكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەن ( توردا تەكشۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ ) ، تەجرىبىسى بار ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىش كىرەك ، باھاسى ئەرزانكەن ، ماركىنى تېز بىجىرىپ بىرىدىكەن ... دەپ ئورۇنسىز چىقىم تارتىشتىن ساقلىنىش كىرەك . 
شىنجاڭ ماركا تورى تەييارلىغان ، كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ .
ھەمبەھىرلەش