دۆلىتىمىزدە بىركۈندە قانچە دانە ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلىنىدۇ ؟


دۆلىتىمىزدە بىركۈندە قانچە دانە ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلىنىدۇ ؟ 
ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا ، دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ توردا ماركا ئىلتىماسىنى يوللاش سېستىمىسىدا ئىككى ماركىنىڭ يوللىنىشى يېرىم سائەتلا پەرقلەنگەن ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىماس نومۇرىنىڭ پەرقى 500ئەتراپىدا بولىدىكەن  ، دىمەك ،پۈتۈن جۇڭگودا يېرىم سائەتتە 500دانە ماركا رويىخەت ئىلتىماسى يوللىنىدىكەن. ماركا ئىدارىسىنىڭ توردا ماركا ئىلتىماسىنى يوللاش سېستىمىسى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن 8:00دىن چۈشتىن كىيىن 4:30 غىچە بولۇپ، بۇ يەتتە يېرىم سائەتتە جەمئىي 7500دانە ماركا رويىخەت ئىلتىماسى يوللىنىشى مۈمكىن، ئاز دىگەندىمۇ 4000دانە ماركا ئىلتىماسى يوللىنىدىكەن . 
نۆۋەتتە 3-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلتىماس يوللانغان ماركىلارنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى ئاران يىتىپ كىلىۋاتىدۇ ، قارىغاندا ماركا ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى خېلى بەك ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە،  ماركا رويىخەت كىنىشكىسى ، قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىرخىللا مەزمۇندا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پۇل ياكى كىتاپ باسقاندەك بىربۇيرۇق بىلەن نەچچە مىڭنى باسقىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە ئىلتىماس قەغىزى كىچىكىپ كىتىدۇ . 
 
ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز ماركا تورىغا كىرىڭ ياكى قۇياش شىركىتى ماركا ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
0991-7777755
0991-8888549
مەزكۇر ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى ماركا تورى www.marka.cn  تەييارلىغان ، تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا تىگىشلىك قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ھەمبەھىرلەش