ماركىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ماركىنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيسىز

ماركىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش 
ئوخشاش بىرتۈرگە تىزىملىتىلغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ماركىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ماركا شەكلىدە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىكى ھەربىر ماركا ئىلمىنتى(ماركىنىڭ بەلگىسى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، لاتىنچە يېزىلىشى قاتارلىقلار)ئايرىم ھالدا بىركىشىنىڭ نامىدا ئوخشاش بىر تۈرگە تىزىملىتىلىدۇ، ئىشلەتكەندە ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ ياكى ئايرىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ . ئايرىم تىزىملىتىپ ، بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا گەرچە بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاتقانغا قارىغاندا ئىقتىسادى چىقىم سەل كۆپ بولسىمۇ، لىكىن، بۇ ئارقىلىق ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتىنى يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . سىز مۇھىم دەپ قارىغان ماركىنى تىزىملىتىشتا بۇخىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . 
ماركا بەلگىسى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، لاتىنچە يېزىلىشلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلسىڭىز ئاز پۇل خەجلەيسىز، لىكىن ھەربىر ماركا ئىلمىنتى ئايرىم تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قايسى بىرى تەستىقلانمىسا پۈتۈن بىر ماركا قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ ، ماركا ئۈستىدىكى بەلگە ياكى ھەرخىل يېزىقلارنى ئايرىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .  
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا ۋەكالەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئورۇن بولۇپ، سىزگە ۋەكالىتەن ماركا ئىلتىماسىڭىزنى ئۆلچەملىك تەييارلاپ،  ماركا ئىدارىسىغا بىۋاستە يوللاپ بېرىدۇ ۋە بۇ جەرياندىكى باسقۇچلاردا كىلىدىغان ئۇقتۇرۇش، ماتىرىيال يەتكۈزۈش جەھەتلەردە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ . 
ماركا ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز  شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ماركا تورىغا كىرىڭ. 
تور ئادرىسى : www.marka.cn
ئالاقىلىشىش تېلېفونى :7777755-0991
پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تورئارقىلىقلا كەسىپ بىجىرەلەيسىز!
ھەمبەھىرلەش