ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىدىن قانداق ساقلىنىش كىرەك؟

ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىدىن قانداق ساقلىنىش كىرەك؟

 
ماقالە مەنبەسى: جوڭگو سودا – سانائەت گېزىتى ( دۆلەتلىك ماركا تورىدىن ئېلىندى )
 
      2004– يىلى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،    ماركا ۋەكالەتچىلىك كەسپىگە قەدەم قويغىنىمغىمۇ 10 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ مەزگىل ماركا ۋەكالەتچىلىك كەسپى سالاھىيىتى قۇيىۋىتىلگەن ، ۋەكالەتچىلەر سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن مەزگەل بولۇپ، مەن بۇ كەسىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى ھەقىقى ھىس قىلدىم ، يەنە ، بىر قىسىم ساختا تەشۋىقاتلارنى قىلىپ، يامان نىيەتتە باشقىلارغا ئورا كولايدىغان «قارا يۈز» لەرنىمۇ كۆردىم ، دەل مۇشۇ ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن- قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى ماركا ۋەكالەتچىلىك كەسپىنىڭ  شەرىپىگە داغ كەلتۈردى ۋە كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى.
 
     ساختا تەشۋىقات قىلىپ، خېرىدارلارنى ئازدۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بىرقىسىم ئىپادىسى :  بەزى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنى « دۆلەت بەلگىلىگەن ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى » ، « دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى ياكى مەلۇم سودا – سانائەت ئىدارىسىنىڭ ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى » دەپ ئاتىۋېلىپ، « ماركا چوقۇم  %100 تەستىقلىنىدۇ » ، « خېرىدار ھەق تاپشۇرۇشتىن ياكى رەسمىيەت بىجىرىشتىن بۇرۇن ، خېرىدار ئۈچۈن ماركىنى ساقلاپ قويىمىز» ... دىگەندەك ساختا تەشۋىقاتلىرى خېرىدارلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ، خېرىدارلاردا ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     ساختا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر قىلىدۇ . ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن، شىركەت رەسمىيىتىنى بىجىرىشتىن سىرت ، يەنە دۆلەتلىك سودا- سانائەت ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كىرەك، شۇنداق بولغاندىلا ماركا ۋەكالەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، بىرقىسىم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرماستىن ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا خېرىدارنىڭ ھوۇق – مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرقىسىم ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى خېرىدارنىڭ ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، ئىلتىماسنى ماركا ئىدارىسىغا يوللىماي، خېرىدار سۈيلىگەندىلا ، بىرقىسىم ساختا ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، خېرىدارنى ئالدايدۇ، ياكى بىر مەزگەل تىجارەت قىلىپلا ئىشىكنى تاقاپ يوقاپ كىتىدۇ .
 
      ماركا ۋەكالەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلاردىن يەنە ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، كەسپىي بىلىمىنىڭ يىتەرسىزلىكى ياكى توغرا بولمىغان رىقابەتتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ماركا ۋەكالەتچىلىرى شىددەت بىلەن كۆپەيدى . بىرقىسىم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى كەسپ بىجىرىشتە سان قوغلىشىپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەي ، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتتى . بۇنىڭدىن باشقا، بازار مەنبەسىنى ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن ، قەستەن باھانى تۆۋەنلىتىش، باشقا ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا قارا چاپلاش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق ،  رەزىل نىيەتتە رىقابەت يولىغا ماڭدى.
       نۆۋەتتە كۆرۈلىۋاتقان قانۇن- قائىدىگە خىلاپ ماركا ۋەكالەتچىلىك قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن ، مەن بىر ماركا ۋەكالەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، خېرىدارلارغا تۆۋەندىكى 4 نوقتىغا دىققەت قىلغان ئاساستا ،  ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش تەكلىبىنى بېرىمەن .
1- ئالدى بىلەن دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ سالاھيىتىنى ئېنىقلاڭ. (ياكى ماركا ۋەكەلەتچىلىرىدىن سالاھىيەت ئىسپاتى تەلەپ قىلىڭ – ت ) .
2- ئەنگە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىڭىزنىڭ قايسى كەسپ ياكى ساھەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا ، بىرقىسىم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئازدۇرۇپ، كۆپ ھەق ئېلىشىدىن ساقلىنالايسىز.
3- ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى چۈشىنىۋېلىپ، مەسئۇلىيەتسىز ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىدىن ساقلىنىڭ. ماركا ئىدارىسى  ماركا ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى بويىچە بىجىرىدىغان بولۇپ، « سەپكە قىستۇرىلىۋېلىش» كە بولمايدۇ. ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ تۇنۇش ئىزدەپ ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق تېزلىكتە ئېلىپ بىرىمىز دىگەن ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەڭ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ماركا ئىلتىماسى يوللىنىپ ، 1-3 ئاي ئىچىدە قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، 8-10 ئاي ئىچىدە ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىق ياكى قايتۇرۇلغانلىق ئۇقتۇرۇشى كىلىدۇ، تەخمىنەن 12- 15 ئاي ئىچىدە ماركا كىنىشكىسى چىقىدۇ.
4- ماركا ئىلتىماسىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ياكى ماركىغا باشقىچە پىكىر گە توغرا مۇئامىلە قىلىش كىرەك . بىرقىسىم  ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ ساختا كاپالەت ، ۋەدىلىرىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كىرەك . (ھېچكىم ماركىنىڭ تەستىقلىنىشىغا %100 كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، بۇنداق ۋەدە بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساختىپەز- ت) .

 

 
ئاپتۇرى :    شىيەن فېڭ
 
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى   شىنجاڭ ماركا تورى  دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان ، باشقىلارنىڭ خالىغانچە كۆچۈرۈشىگە بولمايدۇ.


 
 
ھەمبەھىرلەش