توردا ماركا تەكشۈرۈش ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

توردا ماركا تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ماركا  ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئورگان توربېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرىسىز ، بۇ يەردە تىزىملاش تەستىقلانغان ۋە تىزىملانغان ماركىلار ئاساسەن تېپىلىدۇ . ماركا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن سىز تىزىملاتماقچى بولغان شۇ ماركىنى باشقىلار  سىز تىزىملاتماقچى بولغان تۈرگە تىزىملاتتىمۇ يوق ئېنىقلاش بەك زۈرۈر، ئەگەر باشقىلار تىزىملاپ بولغان بولسا، ياكى مەنىسى ، ئوقۇلۇشى يېقىن ماركىلار شۇ تۈردە بولسا تىزىملاش مەغلۇپ بولۇشى مۈمكىن ، بۇنداق بولغاندا تىزىملاش ھەققىڭىز قايتۇرۇلمايدۇ ۋە ۋاقتىڭىزمۇ ئىسراپ بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپى دىتاللاردا كەسپى خادىملارغا تەكشۈرتۈش بەك مۇھىم . 


توردا تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئادرىستىن كىرىڭ : 
https://www.tmkoo.com/searchsimilar.php

ماركا تەكشۈرگەندە ئادەتتە ماركىنىڭ خەنزۇچە ۋە لاتىنچە يېزىلىشىنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرىمىز. ئۇيغۇرچە خەت ياكى رەسىم ، بەلگىلەرنى بىۋاستە تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىر ماركىنىڭ خەنزۇچە ۋە لاتىنچە يېزىلىشى ئوخشىماي ، ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ئوخشاش بولۇپ قالسا، بۇ ماركا تەستىقلىنىشىمۇ مۈمكىن ، لىكىن ، ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا ئەسلىدىكى ماركا ئىگىسى نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بەلكىم سىزنىڭ ماركىڭىزنى بىكار قىلىۋىتىشى مۈمكىن . ئەگەر ماركىغا ئىشلىتىلگەن رەسىم ياكى بەلگە باشقىلار بۇرۇن تىزىملىتىپ بولغان ئوخشاش تۈردىكى ماركا ئۈستىدىكى رەسىم ياكى بەلگىگە ئوخشاش ياكى بەك يېقىن بولۇپ قالسا، سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئۈستىگە رەسىم ياكى بەلگە ئىشلىتىشتە خاسلىققا بەكرەك دىققەت قىلىش، قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ ماركىسىنى دورىماسلىق كىرەك.

ھەمبەھىرلەش