ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ماركىنى ئوخشاش بىركۈندە ئىلتىماس قىلسا ماركا ھوقۇقى كىمگە تەۋە بولىدۇ؟

تاۋار ماركىسىدىن خەۋىرى بار كىشىلەر تاۋار ماركىسىدا« ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىش» پىرىنسىپىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، يەنى كىم ئاۋۋال ئىلتىماس قىلسا، شۇ ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىككى ئادەم بىركۈندە ئىلتىماس قىلسا، كىمگە ھېساب بولىدۇ؟
 
"تاۋار ماركىسى قانۇنى" دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىنمايدۇ. ئەگەر ماركىنى ئاۋال ئىشلەتكەنلىكىگە يىتەرلىك ئىسپات تەمىنلىيەلمىسە، چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىمنىڭ ئىلتىماسى كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى ئوخشىمىغان ئادەم تەرىپىدىن بىر تۈردە ئوخشاش بىركۈندە ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەندە، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك تەرتىپ بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ:
 
1-دەلىل-ئىسپاتنى تاپشۇرۇش، ئاۋۋال تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاش
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە بولغان تاۋار ماركىسىنى ئاۋۋال ئىشلىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇپ، كىمنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى قارار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
  
2- دوستانە كېڭىشىش، ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىش
ئەگەر ئىككى تەرەپ تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار كۈچكە ئىگە بولمىسا ياكى ئوخشاش ۋاقىىتتا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىككى تەرەپ تاۋار ماركىسىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن يازما كېلىشىم شەكلىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، كىمنىڭ تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ؛

3- تەلەي سىناش، چەك تارتىش
كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېڭىشىشتىن نەتىجە چىقمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى چەك تارتىش شەكلى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنى بېكىتىدۇ.
 

  مەيلى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ياكى كېڭىشىش بولسۇن، بەلگىلىك قانۇن بىلىمىگە مۇھتاج، كىم تېخىمۇ كەسپىي بولسا شۇ غەلىبە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا نارازىلىق ئەرزى بېرىش ئەھۋالىغا يولۇققاندا، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سوراپ، تاۋار ماركىسىغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەرگىز ئېتىبارسىز قاراپ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ!

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش