يۇقۇم بىلەن ئىسىمداش بۇ پىۋىنى نەس باستى

بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ-كىچىك كارخانىلارغا زەربىسى ناھايىتى زور بولدى .
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى «كورونا پىۋىسى».

ماركا نامى توغرىسىدا كورونا تەرەپ ئىلگىرى پەخىرلەنگەن ھالدا ئېلاندا مۇنداق دەپ يازغان: «پىۋىنىڭ تەمى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشلا ئادەمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ».

نېمىشقا؟

بۇ «كورونا( Corona ) ۋىروسى»( Virus ) دېگەنلىك بولىدۇ.

ئەمما ئالدىنقى ئىككى ئايدا پاي چېكىنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ، سېتىلىش مىقدارى بىراقلا ئازلاپ كەتتى.

ئەمما، بۇ گەپ ئاممىنىڭ كورونا (Corona) ماركىسى بىلەن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس (CoronaVirus)نى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

«كورونا پىۋا ۋىرۇسى» بىر مەھەل تورداشلارنىڭ مەسخىرە ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالدى:

«كورونا نېرى تۇر، ئەڭ ياخشى پىۋا خېينېكىن پىۋىسىنى قوغدايلى!»

ھەتتا يەنە كورونا پاسونىدىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىمۇ چىقىپ ئۈلگۈردى!

ئامېرىكا KRON ۋە CNN بۇھەقتە بىر تۈرلۈك مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان، يەنى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە كورونا پىۋىسى سېتىۋالىدىغان-سېتىۋالمايدىغانلىقى توغرىسىدا 737 ئادەمنى زىيارەت قىلغان.

38% ئامېرىكىلىق زىيارەت قىلىنغۇچى بۇ ماركىدىكى پىۋىنى ھەرگىز سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان؛

14% ئىلگىرى دائىم سېتىۋالىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر ئادەم كۆپ جايلارغا بارغاندا، كورونا پىۋىسىنى تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛

كورونا 1925-يىلى قۇرۇلغان يۈز يىللىق كونا ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ABInbev قارمىقىدىكى دۇنياۋى بازىرى ئىتتىك ماركا ئىدى.

ئالدىنقى ئىككى ئايدا كورونانىڭ تارتقان زىيىنى 221 مىليون فوندستېرلىڭغا (تەخمىنەن 1 مىليارد 960 مىليون يۈەن) يەتتى.

بەلكىم ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، دۆلىتىمىزدە تېخى بىرئاي بۇرۇنلا «兽用双黄连» ۋە «双黄莲蓉月饼» باس-باستا تالىشىپ سېتىۋېلىنغان، بۇ بەلكىم ئىسىڭىزدە باردۇر، ئىككى ھادىسىنىڭ ماھىيەتتە چوڭ پەرقى يوق، كىشىلەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا دائىم مۇشۇنداق  ھىسسىي قارارلارنى چىقىرىشقا مايىل كىلىدۇ. بۇ پىسخولوگىيەدە «باغلانما سەپسەتە» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەسلىدە مۇناسىۋەتسىز بولغان ئىشلارنى مەلۇم بىر خىل بىمەنە ھالەتتە ئۆز-ئارا باغلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

دولقۇن قادىر ئىقتىساد مۇنبىرىدىن ئېلىندى

ھەمبەھىرلەش