تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى قانداق؟

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى: 
1. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ھوقۇقى بىلەن نەشر ھوقۇقى ئوخشاشلا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تەۋە ھەمدە ھەممىسى شەكىلسىز مۈلۈك بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؛ 
2. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، نەشر ھوقۇقى ۋاقىت ۋە رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. 
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ پەرقى 
(1) ئىلتىماس قىلىش ئاپپاراتى ئوخشىمايدۇ. نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى؛ 
(2) قوغداش ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداش ئوبيېكتى يېزىق، شەكىل ياكى ئۇنىڭدىن تەركىب تاپقان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، نەشر ھوقۇقى ئاساسلىقى ئاپتور ئىجاد قىلغان ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلمىي ئەسەردىن ئىبارەت؛ 
(3) قوغداش مۇددىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ چەكلىك مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، چەكلىك مۇددەت توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنكى 50 يىل بولىدۇ. 
(4) قوغداش مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى قوغداشنىڭ مەقسىتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاۋار سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش؛ نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتكە پايدىلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە تارقىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 

ئەگەر سىز ماركىڭىزنىڭ بەلگىسىنى بىرقانچە ماركا تۈرىگە رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، باشقا تۈرلەردىمۇ شۇ خىل بەلگىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسىڭىز نەشىر ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

 

ھەمبەھىرلەش