ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش نىمە ئۈچۈن %100 مۇۋەپپىقيەتلىك بولمايدۇ؟

ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا مەڭگۈ %100 مۇۋەپپىقيەتلىك تەستىقلىنىدىغان ئەھۋال يوق ،ھەرقانداق ئادەم چوقۇم تەستىقلىنىدۇ، دەپ كاپالەت بىرەلمەيدۇ. بۇنى ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى ئوبىكتىپ ئەمەلىيەت بەلگىلەيدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى تەكشۈرۈش قاراڭغۇ رايۇنى بار بولۇپ، رويخەت ئىلتىماس ئۇچۇرلىرى ماركا ئىدارىسى سانلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، يېقىن كىلىدىغان ماركىنىڭ بايقىلىپ قېلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ . 
1. يېقىن كىلىدىغان ماركا : باشقىلار بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرغان ، نۆۋەتتە رويخەتكە ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركىغا ئوخشاش ياكى يېقىن كىلىدىغان ماركا ؛
2- تەكشۈرۈش قاراڭغۇ رايۇنى : ماركا ئىدارىسى ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ سانلىق ئامبارغا ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشكە 2-3 ئاي ۋاقىت كىتىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈرگىلى بولمايدۇ ؛ 
3- ماركا ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خادىمىنىڭ سوبىيېكتىپ ھۆكۈمى : ماركا ئىدارىسى ماركىنى تەستىقلاش جەريانىدا يېقىن كىلىدىغان ماركىلارغا ھۆكۈم قىلىشتا بىرقەدەر كەڭ ئەركىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ، ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر تەكشۈرگۈچىنىڭ كۆزقارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ؛
4- قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار - ھەرقانداق ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشنىڭ خەۋىپى بولىدۇ ، يەنى تەستىقلانماسلىق ئىھتىماللىقى بار، ھەرقانداق ۋاكالەتچىلىك ئورنى ، ھەتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسىمۇ ماركىنىڭ %100 رويخەتكە تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ ؛ 


شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 


ھەمبەھىرلەش