ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئەسكەرتىش: ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا رەسمىي تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلەتكەن تىجارەت كىنىشكىسىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرمەسلىكى كىرەك

ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئەسكەرتىش: 
بۈگۈن دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تەپسىلى مەسلىھەت ئالدۇق، ھەم كۆپچىلىككە جىددى يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتۇق.
ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا رەسمىي تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلەتكەن تىجارەت كىنىشكىسىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرمەسلىكى كىرەك، ئەگەر «ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنلا ماتىرىيالىمىزدا مەسىلە يوق دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. ئەگەر تەكشۈرۈپ تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ قالسا(بەزى تەكشۈرگۈچىلەر بىرقەدەر ئىنچىكە تەكشۈرىدۇ) ماركا ئىلتىماسى قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن، بۇخىل ئەھۋالدا ماركا ئىدارىسى ماركا ئىلتىماس قىلىشقا ئالغان رەسمىيەت ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ماركا ئىلتىماس قىلىشتا بۇ نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. 
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى يەنئەن يولى جىلى سودا سارىيى2-قەۋەت26-ئىشخانا.
شىنجاڭ ماركا تورى
Www.marka.cn
Tel:0991-7777755&13899923484
ھەمبەھىرلەش