3- ماركا تىزىملىتىش باھاسى


  
ۋەكالىتەن ماركا تىزىملىتىش مۇلازىمىتى چۈشەندۈرۈلۈشى
 ماركا سىزنىڭ بازارغا سالغان مەلۇم خىل تاۋار ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش، بازاردىكى ئىناۋەت ۋە قانۇنى مەنپەئەتىڭىزنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم بولغان قۇرال بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىلىرى ياكى تىجارەتچىلىرىگە نىسبەتەن ناتۇنۇش ئەمەس . مۇكەممەل تىجارەت ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە قانۇنى ۋاستە ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز، ماركا سىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم !
     ماركا  45 تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ ، بۇ 45 تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە ئونلىغان كىچىك تۈرلىرى بار.ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بولغاندا، بىر ماركىنى بىر قېتىمدا بىر چوڭ تۈردىكى  10 كىچىك تۈرگە تىزىملىتىمىز ، كىچىك تۈر 10 دىن ئاشقاندا يەنە قۇشۇمچە ھەق ھىساپلىنىدۇ. باشقا چوڭ تۈرگە تىزىملاتماقچى بولسىڭىز يەنە بىر ماركا تىزىملاتقانغا ئوخشاش بولۇپ ، شۇ ماركىنىڭ ئاشۇ تۈردىكى 10 كىچىك تۈرىگە تىزىملىتىمىز، لىكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تىزىملاتماقچى بولغان ماركىنى باشقىلار سىزدىن بۇرۇن شۇ تۈرگە تىزىملىتىپ بولمىغان ياكى شۇ ماركىڭىزنىڭ يېزىلىشىغا يېقىن بولغان باشقا ماركا يوق بولۇشى كىرەك . ئەگەر باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان ياكى يېقىن مەنىدىكى ماركا تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ تىزىملىتىلىشى مەغلۇپ بولۇشى مۈمكىن، بۇنداق بولغاندا ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇشقا كەتكەن پۇلىڭىز قايتۇرۇلماسلىق بىلەن بىرگە ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن شۇ تۈرگە رۇيىخەتكە ئالدۇرۇلغان ياكى ئالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ، بۇنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ .
   بىرماركىنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس سۇنۇلغاندىن باشلاپ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتە نۇرمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئىلتىماس سۇنۇلۇپ 20-30 كۈن ئىچىدە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز، بۇ ۋاقىتتا، ماركىغا TM بەلگىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . تەخمىنەن 15-16 ئاي ئەتراپىدا(ئۇيغۇرچە يېزىق با ماركىلارنى تەكشۈرۈش ۋاقتى مۇشۇنداق)  ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىق ياكى قايتۇرۇلغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش خېتى كېلىدۇ . ئەگەر ئىلتىماس تەستىقلانغان بولسا، يەنە 3 ئاي ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كىيىن ، ھېچقانداق قارشى پىكىر بولمىسىلا ماركا رويىخەت كىنىشكىسى رەسمىي تەستىقلىنىپ ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىغا ئەۋەتىلىدۇ . ئەگەر ماركا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قايتۇرۇلغان بولسا ، قايتۇرۇلۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنگىچە ماركا باھالاش كومىتىتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنساق بولىدۇ ، بۇنىڭ چىقىمى ئادەتتە ماركا تىزىملىتىشتىن يوقۇرى بولىدۇ . ئەگەر نارازىلىق ئىلتىماسى قىلمىساق ياكى نارازىلىق ئىلتىماسىمىز تەستىقلانمىسا، ماركا ئىلتىماسىمىز قايتۇرۇلغان بولىدۇ ۋە ماركا ئىدارىسى تىزىملىتىش ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. ئەگەر ماركا ئىلتىماسى قىسمەن قايتۇرۇلغان بولسا، قايتۇرۇلغان كىچىك تۈرلەر ئىلتىماستىن ئۈچۈرۈلۈپ، تەستىقلانغان تۈرلىرى بويىچە ماركا كىنىشكىسى بېسىپ چىقىرىلىدۇ. 
   شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى دۆلەت سودا -سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇپ،ۋەكالىتەن ماركا رويىخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 
    شىركىتىمىز خېرىدارلار بىلەن ۋەكالىتەن ماركا تىزىملىتىش توختامى ئىمزالايدۇ ۋە يوقارقى بارلىق ئۇقتۇرۇش خېتى ۋە كىنىشكىلارنى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىمىز تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ  يەتكۈزۈپ بېرىمىز. ( تەپسىلاتىنى توختام مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.)