رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ماركا رويىخەت كىنىشكىسى چىققان كۈندىن باشلاپ 10 يىل بولۇپ،10 يىل ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس سۇنىشىڭىز كىرەك. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى ئادەتتە ۋاقىت تۇشۇشقا 1 يىل قالغاندا يوللايمىز. ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن ، يەنە 6 ئايلىق ئۇزارتىش مەزگىلى بار، لىكىن ، بۇ مەزگىلدە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيەت ھەققىگە يەنە ساقلاش ھەققى قوشۇپ ئېلىنىدۇ. ئەگەر ماركىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش مەزگىلىمۇ ئۈتۈپ كەتكەن بولسا ماركا ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر سىز شۇ ماركىنى قايتا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز مەغلۇپ بولىشىڭىز مۈمكىن، چۈنكى، سىزنىڭ ماركىڭىزغا يېقىن كىلىدىغان ياكى ئوخشاش ماركىنى باشقىلار ئىلتىماس قىلغان بولۇشىنى ئويلاشماي بولمايدۇ. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرى، بىۋاستە بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا بېرىپ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇش، يەنە بىرى ماركا ئىدارىسىغا قانۇنلۇق رويىخەتكە ئېلىنغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىش.
كىتەرلىك ماتىرىياللار:
1-ماركا ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپەيتمىسى( كىملىك، تىجارەت كىنىشكىسى-شىركەت نامىدىكى ماركىلارغا، قاتارلىقلار)؛
2-ماركا رويىخەت نومۇرى ؛
3-ماركا ۋەكالەتچىلىكىگە ھاۋالە قىلىش خېتى؛ يوقارقى ماتىرىياللارنى ئۆلچەملىك تەييارلاپ، دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا يوللىساق، تەخمىنەن 2 ئايدا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىق ئىسپاتىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، بۇنى ئەسلىدىكى ماركا كىنىشكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىمىز، ماركا كىنىشكىسى قايتا بېسىلمايدۇ.

شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىدا قانۇنلۇق رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇپ، ماركا ئىشلىرىدىكى مول تەجرىبىسى بىلەن سىز ئۈچۈن سەمىمىي ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.


ماركا نامىنى يۆتكەش دىگىنىمىز  ماركا ئىدارىسىدا رويىخەتكە ئېلىنغان ئىناۋەتلىك ماركىنىڭ( ياكى رويىخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنۇلغان، تېخى كىنىشكىسى چىقمىغان ماركىنىڭ)  ھوقۇقىنى باشقا بىر كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، سىز  ئۆز نامىڭىزدىكى ماركىنى مەلۇم قىممەتتە باشقىلارغا ساتسىڭىز ياكى سېتىۋالسىڭىز چوقۇم ماركا نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ماركا نامىنى يۆتكىمەي، ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىدا ئىشلەتسىڭىز، كىيىنكى سودا-تىجارىتىڭىز تەرەققى قىلغاندا ماركىڭىزنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئەسلى ئىگىسىنىڭ كۆزى قىزىرىپ ، ماركىنى قايتۇرىۋېلىشى مۈمكىن، بۇنداق ئاۋارىچىلىقنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىنىش ، خاتىرجەم تىجارەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن ماركا نامىنى يۆتكەش ئىنتايىن مۇھىم.
ماركا نامىنى يۆتكەش ئۈچۈن كىتەرلىك ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1- ماركا نامىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى ؛
2- ماركىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنىڭ سالاھىيەت ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپەيتمىسى ( تىجارەت كىنىشكىسى ، كىملىك قاتارلىقلار)؛
3- ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ؛
4- ماركا ۋەكالەتچىلىرىگە ھاۋالە قىلىش خېتى ( بىۋاستە بېيجىڭغا بېرىپ بىجىرسىڭىز بۇ لازىم بولمايدۇ)؛
ماركا نامىنى يۆتكەش ئىلتىماسى يوللىنىپ تەخمىنەن 6 -10 ئايدا ماركا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىلىدۇ، ماركا رويىخەت كىنىشكىسى قايتا بېسىلمايدۇ. ئەسلىدىكى ماركا كىنىشكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئشىلىتىسىز.