ماركىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دىگىنىمىز  ماركا ئىگىسىنىڭ نامى ( شىركەت ئىسمى ئۆزگەرگەن بولسا، ئۆزگەرگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىش كىرەك )، ئادرىسى ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى ، ماركا تۈرلىرىنى قىسقارتىش قاتارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ماركىنىڭ ئەسلى ئىگىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ماركىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى تۈر كۆپەيتىشكە بولمايدۇ( بۇ خىل ئەھۋال يېڭى ماركا تىزىملاتقان بىلەن ئوخشاش ) . 
شىركەت نامىدا رويىخەتكە ئېلىنغان ماركىدا، ئەگەر شىركەت ئىسمى ياكى ئادرىسى ئۆزگەرگەن بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ماركا كىنىشكىسىگە ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كىرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ماركا ئىناۋەتسىز بولۇشى مۈمكىن.