35- تۈر : ئېلان؛سودا تىجارىتى؛سودا باشقۇرۇش؛ئىشخانا ئىشلىرى.

ئېلان؛سودا تىجارىتى؛سودا باشقۇرۇش؛ئىشخانا ئىشلىرى.

[ئىزاھات] 35- تۈر ئاساسلىقى شەخسىي ياكى تەشكىل تەمىنلىگەن  مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى:(1)سودا كارخانىسىنىڭ تىجارىتى ياكى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛(2)سودا-سانائەت كارخانىسىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى ياكى سودا فۇنكىيىسىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ھەمدە ئېلان تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك سودا ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇلازىمەت،ئۇنىڭ نىشانى:تۈرلۈك تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاممىغا ئېلان تەشۋىقاتى ئېلىپ بىرىش.بۇ تۈر بولۇپمۇ باشقىلار ئۈچۈن تۈرلۈك تاۋارلارنى تۈرگە ئايرىپ(تىرانسىپورتتىن باشقا)،خېرىدارلارنىڭ كۆرۈش ۋە سىتىۋېلىشىغا قولايلىق يارتىش مۇلازىمىتى؛بۇ خىل مۇلازىمەتتە توپ-پارچە سىتىش دۇككانلىرى پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى ياكى ئېلېكتىرۇنلۇق ۋاستە ئارقىلىق تەمىنلىسە بولىدۇ،مەسلەن تور پونكىتى ياكى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق سېتىۋېلىش پىروگىراممىسى؛رويىخەتكە ئېلىش،كۆچۈرۈپ يېزىش،يېزىقچىلىق،مۇھەررىرلىك قىلىش ياكى يازما ئالاقە ھەمدە خاتىرىلەش سېسىتىمىسى ۋە ماتىماتىكىلىق تەھررىرلەش ياكى ماتېرىياللارنى ئىستاستىكا قىلىشقا ئائىت مۇلازىمەت؛ئېلان ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمىتى،ھەمدە چۈشەندۈرۈش قەغىزى ياكى ئەۋرىشكىنى بىۋاستە ياكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .بۇ تۈر يەنە باشقا مۇلازىمەتكە ئائىت ئېلاننى قىلسىمۇ بولىدۇ، مەسلەن بانكىنىڭ دېبىت ۋە كرېدىتى ياكى رادىئو ئىلانى مۇلازىمىتى. بۇ تۈر سودا-سانائەت كارخانىسىنىڭ تىجارىتى ياكى باشقۇرۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق باھالاش ۋە ئىنژېنېر دوكلاتىنى يىزىش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچگە ئالمايدۇ (ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىلغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئايرىش جەدىۋىلىگە قاراڭ).

[3501 گورۇپ]  ئېلان

[3502 گورۇپ] سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ياردەمچى كەسپى

[3503 گورۇپ] باشقىلارغا ۋاكالىتەن سىتىش

[3504 گورۇپ] كادىرلارنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ياردەمچى كەسپىي

[3505 گورۇپ] سودا كارخانىسىنى يۆتكەش

[3506 گورۇپ]  ئىشخانا ئىشلىرى

[3507 گورۇپ] مالىيە بوغالتىرلىق

[3508 گورۇپ] يەككە مۇلازىمەت

[3509 گورۇپ] پارچە ياكى توپ سىتىش مۇلازىمىتى

 

ھەمبەھىرلەش