پاتېنت مۇنداق 3 تۈرلىك بولىدۇ:
1-كەشپىيات پاتېنتى  - تۇرمۇشقا قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدىغان ، بۇ ساھەدە باشقىلار بايقىمىغان ياكى ياساپ چىقمىغان يېڭى تېخنىكا، قورال-جابدۇق، ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2- قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىش پاتېنتى - باشقىلار بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ياساپ بولغان ئەمەلى نەرسىلەرنى ياكى تېخنىكىلارنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۆزگەرتىپ، قوللىنىشچانلىق ۋە قولايلىق جەھەتتە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقان تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ.
3- سىرتقى كۆرۈنۈش پاتېنتى - مەھسۇلات ئورالما قېپى، ماركا شەكلى ، رەڭگى قاتارلىق بىۋاستە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە نىسبەتەن مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.