1- تۈر : سانائەت، پەن-تېخنىكا، فوتو سۈرەت، يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىقنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتلىرى؛ پىششىقلانمىغان سۈنئىي بىرىكمە سمولا؛ پىششىقلانمىغان سۇلياۋ(پلاستىك ماتېرىيال)ماددىلار؛ ئوغۇت؛ ئۆچۈرۈلگەن سىنتېتىكىلىق ماددىلار؛سوغىرىش (پولاتنى

سانائەت، پەن-تېخنىكا، فوتو سۈرەت، يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىقنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتلىرى؛ پىششىقلانمىغان سۈنئىي بىرىكمە سمولا؛ پىششىقلانمىغان سۇلياۋ(پلاستىك ماتېرىيال)ماددىلار؛ ئوغۇت؛ ئۆچۈرۈلگەن سىنتېتىكىلىق ماددىلار؛سوغىرىش (پولاتنى)ۋە كەپشەرلەشكە ئىشلىتىلدىغان ياسالما دورىلار(تەڭشەپ ياسالغان نەرسىلەر)؛يېمەكلىكلەرنى ساقلايدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار؛ ئاشلاش خۇرۇچى؛ سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان يېپىشتۇرغۇچى ماددىلارغا ئىشلىتىلدۇ.
[ئىزاھات]بىرىنچى تۈر ئاساسلىقى سانائەت، پەن-تېخنىكا ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،جۈملىدىن باشقا تۈرگە تەۋە مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار.بۇ تۈر ئاساسلىقى : ئېچىتما ئوغۇت؛ غەيرى يېمەكلىكلەرنى چىرىشتىن ساقلاش تۇزى؛بەزى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن يېمەكلىك سانائەت خۇرۇچى(ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىلغان مەھسۇلات تۈر جەدىۋىلىدىن كۆرۈڭ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ تۈر : پىششىقلانمىغان تەبىئىي بىرىكمە سمولا(ئىككىنچى تۈر)؛ تېببىي پەندە ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار (بەشىنچى تۈر)؛ باكتېرىيە يوقاتقۇچى دورىلار،گېربىتسىد (ئۆت-چۆپ يوقىتىش دورىسى) ۋە زىيانلىق ھايۋانلارنى يوقتىدىغان ياسالما دورىلار (بەشىنچى تۈر)؛ يېزىش-سىزىش قوراللىرى ياكى ئائىلىدە ئىشلىتىلدىغان يېپىشتۇرغۇچى خۇرۇچ(ئون ئالتىنچى تۈر)؛ يېمەكلىكلەرنى چىرىشتىن ساقلاش تۈزى(ئوتتۇزىنچى تۈر)؛ كۆرپە (چىرىندى تۇپراقنى قاپلىما ماددا) (ئوتتۇز بىرىنچى تۈر)نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
[0101 گورۇپ]  سانائەتتىكى گاز، ئاددىي ماددا
[0102 گورۇپ]  سانائەت، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈش خام ماتېرىيالى
[0103 گورۇپ]  رادىئو ئاكتىپ ئېلېمېنتلار ھەمدە ئۇنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتلىرى
 [0104 گورۇپ]  سانائەت، پەن-تېخنىكىغا ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار، خىمىيىلىك ياسالما دورىلار،باشقا تۈرگە تەۋە بولمىغان مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار.
[0105 گورۇپ]  يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىققا ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار، خىمىيىلىك ياسالما دورىلار
[0106 گورۇپ]  خىمىيىۋى رېئاكتىپ
 [0107 گورۇپ]  فوتۇ سۈرەتكە ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك بويۇملار ۋە ماتېرىياللار
[0108 گورۇپ] پىششىقلانمىغان سۈنئىي بىرىكمە سمولا؛ پىششىقلانمىغان سۇلياۋ(پلاستىك ماتېرىيال)ماددىلار(پىششىقلانمىغان تەبىئىي بىرىكمە سمولانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)
[0109 گورۇپ]  ئوغۇت
[0110 گورۇپ]  ئۆچۈرۈلگەن سىنتېتىكىلىق ماددىلار
[0111 گورۇپ] سوغىرىش (پولاتنى)قا ئىشلىتىلدىغان ياسالما دورىلار(تەڭشەپ ياسالغان نەرسىلەر)؛
[0112 گورۇپ] كەپشەرلەشكە ئىشلىتىلدىغان ياسالما دورىلار(تەڭشەپ ياسالغان نەرسىلەر)؛
[0113 گورۇپ] يېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار (يېمەكلىكلەرنى چىرىشتىن ساقلاش تۈزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ؛
[0114 گورۇپ]  ئاشلاش خۇرۇچى ھەمدە خۇرۇم( تېرە) گە ئىشلىتىلدىغان خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار.
[0115 گورۇپ]  سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان يېپىشتۇرغۇچى ماددىلار ۋە يىلىم(قەغەزگە ئىشلىتىلدىغان يېپىشتۇرغۇچى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). [0116 گورۇپ]  ئۇماچلانغان قەغەز(قەغەز بوتقىسى)
[0117 گورۇپ]  ئېنېرگىيە مەنبەسى
 
ھەمبەھىرلەش