39 - تۈر : تىرانسىپورت؛تاۋارلارنى ئوراپ-قاچىلاش ۋە زاپاس ساقلاش؛ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش.

تىرانسىپورت؛تاۋارلارنى ئوراپ-قاچىلاش ۋە زاپاس ساقلاش؛ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش.

[ئىزاھات] 39- تۈر ئاساسلىقى ئادەم،ھايۋان ياكى تاۋارلارنى بىر ئورۇندىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەش(تۆمۈر يول،تاشيول،سۇ يولى،ھاۋا يولى ياكى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق) جەريانىدا تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار زۆرۈر مۇلازىمەتلەر ، ھەمدە مالساراي ياكى باشقا ئۆي-ئىمارەتلەرنى باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ،تاۋارلانى ساقلاش جەريانىدا تەمىنلەيدىغان زاپاس ساقلاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ توشۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ماشىنا بىكىتى،كۆۋرۈك،پويىز ئىستانسى،كېچىك پاراخوتى قاتارلىق شىركەت تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت؛تىرانسپورت ماشىنىلىرىنى ئىجارىگە ئىلىش –بىرىش مۇلازىمىتى؛ دېڭىزدا سۆرەپ ئېلىپ مىڭىش،مال چۈشۈرۈش،پور ۋە پىرىستاندا ھەرىكەتلىنىش،خەتەرگە ئۇچرىغان پاراخوت،كېمىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەمدە ئۇنىڭ ماللىرىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت؛مال تارقىتىشتىن بۇرۇنقى ئوراش – قاچىلاش،تېڭىش مۇلازىمىتى؛ۋاستىچىلار ھەمدە ساياھەت كوپراتىۋى سەيلە ساياھەت بىلەن تەمىنلەش ياكى مال تىرانسىپورت مۇلازىمىتى ھەمدە باھا،ۋاقىت ياكى توشۇپ يەتكۈزۈپ بىرىش مۇلازىمىتى؛توشۇشتىن بۇرۇنقى ماشىنا ياكى ماللارنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ تۈر تىرانسىپورت كارخانىسىنىڭ ئىلانىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت،مەسلەن ئىلان تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقىتىش ياكى رادىئو ئىلانىنى تارقىتىش(35-تۈر)؛ ۋاستىچىلار ھەمدە ساياھەت كوپراتىۋى تەمىنلىگەن ساياھەت چىكى ياكى كرېدىت گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇلازىمى(36-تۈر)؛ئادەم ياكى ماللارنى توشۇش جەريانىدىكى (سودا،ئوت ئاپىتى ياكى ھاياتلىق)سۇغۇرتا مۇلازىمىتى ( 36-تۈر )؛ماشىنا رىمۇنىت قىلىش مۇلازىمىتى،ھەمدە ئادەم ۋە ماللارنى توشۇشقا ئىشلىتىلدىغان تىرانسىپورت قۇراللىرىنى رىمۇنىت قىلىش مۇلازىمىتى (37-تۈر)؛ساياھەت كوپراتىۋى ۋە ۋاستىچىلار تەمىنلىگەن ئالدىن مېھمانخانا زاكاس قىلىش مۇلازىمىتى(43-تۈر)نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

[3901 گورۇپ]  تىرانسىپورت ۋە توشۇشتىن بۇرۇنقى ئوراش-قاچىلاش مۇلازىمىتى

[3902 گورۇپ] سۇ تىرانسىپورتى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت

[3903 گورۇپ] قۇرۇقلۇق يولى تىرانسىپورتى

[3904 گورۇپ] ھاۋا يولى تىرانسىپورتى

[3905 گورۇپ] باشقا تىرانسىپورت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت

[3906 گورۇپ]  مالنى زاپاس ساقلاش

[3907 گورۇپ]  غەۋۋاس ئەسۋابلىرىنى ئىجارىگە بېرىش

[3908 گورۇپ]  سۇ،توك،گاز بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى

[3909 گورۇپ] توما باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

[3910 گورۇپ]  يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى

[3911 گورۇپ]  سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇش

 [3912 گورۇپ]  يەككە مۇلازىمەت

ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 38- تۈر : تېلېگراف.
  • كېيىنكى مەزمۇن: 40 - تۈر : ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىش.