37- تۈر : ئۆي-ئىمارەتلەرنى سىلىش؛رېمونت قىلىش؛قۇراشتۇرۇش مۇلازىمىتى.

ئۆي-ئىمارەتلەرنى سىلىش؛رېمونت قىلىش؛قۇراشتۇرۇش مۇلازىمىتى.

[ئىزاھات] 37- تۈر ئاساسلىقى مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇشلارنى سىلىشنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر ياكى بۆلۈنمە ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت،ھەمدە شەخسىي ياكى تەشكىلنىڭ ئۆي-ئىمارەتلەرنى رېمۇنت قىلىش ياكى ئەسلى ھالىتىنى قوغداپ،ئۇنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتمەي قىلغان مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۆي،يول، كۆۋرۈك،توسما ياكى ئالاقىلىشىش لىنىيىسىنى قۇرۇش مۇلازىمىتى،ھەمدە قۇرۇلۇش كەسپىدىكى باشقا مەخسۇس تۈر مۇلازىمىتى،مەسلەن سىرلاش، ئاقارتىش،تۇربا ياتقۇزۇش،پار ئورنىتىش ياكى ئۆينىڭ ئۈستىنى يىپىش قاتارلىق؛ قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىدىكى ياردەمچى مۇلازىمەت،مەسلەن قۇرۇلۇش پىلانىنى تەكشۈرۈش؛كېمە ياساش مۇلازىمىتى؛قۇرۇلۇش سايمانلىرى ياكى ماتېرىياللىرىنى ئىجارىگە ئېلىش-بېرىش مۇلازىمىتى؛رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى،يەنى ئۇپرىغان،بۇزۇلغان ياكى قىسمەن جايى بۇزۇلغان ھەر قانداق نەرسىنى (ئۆي ياكى باشقا كەمتۈك شەيئىلەرنى رېمونت قىلىپ ئەسلى ئوبرازىغا كەلتۈرۈش)رېمونت قىلىش؛تۈرلۈك رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى،يەنى ئېلېكتر ئۈسكۈنلىرى، ئۆي سايمانلىرى،سايمان ۋە ئەسۋاب قاتارلىقلار؛پەرۋىش قىلىش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى،بويۇملارنىڭ ئەسلى ئوبرازىنى ساقلاپ ئۇنىڭ ھەرقانداق خاسلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىنى نىشان قىلغان (بۇ تۈر بىلەن 40-تۈرنىڭ پەرقى بار،40- تۈرنىڭ ئىزاھاتىغا قاراڭ)مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ تۈر كىيىم-كېچەك ياكى ماشىنا تۈرىدىكى تاۋارلارنى ساقلاش مۇلازىمىتى(39-تۈر)؛رەخت ماتېرىياللىرى ياكى كىيىم-كېچەكنى بوياشقا ئالاقىدار مۇلازىمەت (40-تۈر)نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

[3701 گورۇپ]  قۇرۇش،رېمونت قىلىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى

[3702 گورۇپ] بىناكارلىق قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى

[3703 گورۇپ] قېزىش-ئېچىش مۇلازىمىتى

[3704 گورۇپ] ئۆي-ئىمارەتلەرنى بېزەش،رېمۇنت قىلىش مۇلازىمىتى

[3705 گورۇپ] ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇش ۋە رېمۇنت قىلىش

[3706 گورۇپ]  ماشىنا،ئېلېكتر ئۈسكۈنلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە رېمۇنت قىلىش

[3707 گورۇپ]  قۇرۇقلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى رېمۇنىت قىلىش

[3708 گورۇپ] ئايروپىلان رېمۇنت قىلىش

[3709 گورۇپ] كېمە ياساش مۇلازىمىتى

[3710 گورۇپ] فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە سايمان-ماتېرىياللىرىنى رېمۇنت قىلىش

[3711 گورۇپ] سائەت رېمۇنت قىلىش

[3712 گورۇپ]  بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى رېمۇنت قىلىش

[3713 گورۇپ] ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتى

[3714 گورۇپ] چاق(بالۇن)لارنى رېمۇنىت قىلىش مۇلازىمىتى

[3715 گورۇپ] ئائىلە سايمانلىرىنى رېمۇنت قىلىش،ئاسراش

[3716 گورۇپ]  كىيىم-كېچەك،خۇرۇمنى ياماش،قوغداش،يۇيۇش مۇلازىمىتى

[3717 گورۇپ]  ھاشارەت يوقىتىش،دېزىنفېكسىيە قىلىش مۇلازىمىتى

 [3718 گورۇپ]  يەككە مۇلازىمەت

ھەمبەھىرلەش