جەمىيىتىمىزدە ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش قىزغىنلىقى قايتا كۆتۈرۈلدى

  شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى ماركا ئىشلىرى بۆلۈمى - ماركا تورى 
 ماركا جەمىيىتىمىزدىكى كارخانا-شىركەت ۋە تىجارەتچىلىرىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇم، ئۇيغۇر كارخانىچى - سودىگەرلەرنىڭ ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش قىزغىنلىقى 2000- يىلىدىن كىيىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نەچچە ئونمىڭ ماركا ئەنگە ئالدۇرۇلدى . جەمىيەتنىڭ تەرەققىىي قىلىشى ، كىشىلەرنىڭ سودا ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ قىزغىنلىق بارغانسىرى يوقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۇ يېڭى دەۋردە ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ماركا ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشنىڭ خەۋىپىنى بىلدى. نۆۋەتتە، ئۆز ئالدىغا قانۇنلۇق ماركا ئەنگە ئالدۇرۇپ سودا - تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇش قىزغىنلىقى بارغانسىرى يوقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە.
  نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كارخانا-شىركەت، تىجارەتچىلەرنىڭ قولىدىكى ماركىنىڭ ۋاقتى 10 يىلغا يەتكەن ياكى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ماركا ۋاقتىنى ئوزارتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى ، ئەگەر ۋاقتىدا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتى بىجىرمىسىڭىز ، ماركىڭىز قانۇنى كۈچتىن قالىدۇ. 
   شىركىتىمىز دۆلەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسىغا قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرىپ ۋە ماركا ئىلتىماسىنى ۋەكالىتەن يوللاپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىز مۇلازىمەتتە ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق، ماركا ئەنگە ئېلىش جەريانىدىكى ھەرقانداق مەسىلە، كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنى سەمىمىيلىك بىلەن خېرىدارلارغا ئەسكەرتىپ ، ۋىجدان ۋە ئىنساۋىمىز بىلەن خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق، نۆۋەتتە ئەتراپىمىزدا ماركا ئەنگە ئېلىش ئورۇنلىرى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇپ بېرىدىغان شەخسلەر كۆپىيىپ كەتتى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى ( بۇرۇنقى ماركا ئىدارىسى ) غا قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرغان ۋەكالەتچىلەرمۇ بار، ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۆز ئالدىغا ۋەكالەتچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھېچقانداق ئەمەلىي ماركا ساۋادى ئىگەللىمەيلا باشقىلار ئۈچۈن ماركا ئەنگە ئالدۇرۇپ بېرىمەن دەپ ، ماركا ئىشلىرىدا قولىنىڭ ئۇچىدىلا مەشغۇلات قىلىدىغان ، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشماي، ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلارمۇ بار، ھەتتا ، بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەنلا ماركا ئەنگە ئېلىش ئىشلىرىنى ۋەكالىتەن بىجىرىپ ، بىرمەزگىلدىن كىيىن يوقاپ كىتىدىغانلارمۇ بار، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان خېرىدارلاردىن مەسلىھەت سوراپ بىزنى ئىزدەپ كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. يەنە بىرقىسىم خېرىدارلار بار، بىرەر يىل بۇرۇن باشقا شىركەتتىن ماركا ئەنگە ئالدۇرۇپ، نەتىجىسىنى بىزدىن سوراپ باقىدۇ. بىزمۇ ئېغىر كۆرمەي تەكشۈرۈپ، يولىدا مەسلىھەت بېرىپ كەلدۇق. 
  ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش ئاددى ئىش ئەمەس، ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەرتىپى ۋە جەريانلىرى بولىدۇ، مەخسۇس ماركا ئىشلىرىنى  نازارەت قىلىدىغان ماركا قانۇنى بار، ھەممە ئىشلار قانۇن دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك، ئۈندىداردىلا ئەرزان بىجىرىدىكەن دەپ باشقىلارغا ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ پۇل تاپشۇرۇپ، بىرەر يىلدىن كىيىن ئۇ ۋەكالەتچى يوقاپ كەتسە تاپالماي، ئىقتىساد ۋە ۋاقىت زىيان بولىدۇ، بۇ خۇددى « ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق» دىگەن بىلەن ئوخشاش ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا ئەنگە ئالدۇرماقچى بولغانلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ، ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ماركىغا دائىر باشقا مۇلازىمەتلەرنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز چوقۇم قانۇنلۇق ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىجىرىڭ، ئەرزانكەن دەپ ئۇدۇل كەلگەن كىشىگە پۇل تاپشۇرۇپ زىيانغا ئۇچراپ قالماڭ . 
ھەمبەھىرلەش