ماركىغا ئىشلىتىلىدىغان سۆز ياكى بەلگە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ماركا ساۋاتلىرى 
ماركىغا ئىشلىتىلىدىغان سۆز ياكى بەلگە ھەققىدە  :
1-ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقۇرى مەمۇرى ئورۇنلارنىڭ نامىنى ماركا قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ (مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئالاھىدە رۇخسەت قىلىپ ھوقۇق بەرگەنلىرىدىن باشقا ). 
2-تاۋار ياكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئورتاق نامىنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، مەسىلەن ، سىز قۇرۇق يەل -يىمىش سودىگىرى بولۇپ، قۇرۇق چىلاننىڭ ئورالما قېپىغا “چىلان” دىگەن ماركىنى ئىلتىماس قىلىپ قوللىنالمايسىز، بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار چىلاننى "جىگدە "دەپ ساتامدۇ ؟
 ئەمەلىيەتتە  ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چوقۇم خاسلىققا ئىگە بولۇشى كىرەك، يەنى ، “شىپاھى چىلان ”، “تەنقۇۋۋەت چىلانلىرى ” دىگەندەك. 
3-باشقىلارنى كەمسىتىش خاراكتىرىدىكى ياكى يامان مەنىدىكى مەزمۇن ، بەلگىلەرنى ماركىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 
4-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا تەشكىلات ، دۆلەت بايراقلىرى ، دۆلەت گىربى قاتارلىق بەلگىلەرنى ماركا قىلىشقا بولمايدۇ. 
5-ئالاھىدە مەنىسى يوق ھەرپ، بەلگىلەرنى ماركا قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلەن : A,//  دىگەندەك، لىكىن بۇلارنى مەلۇم شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئېلىشقا بولىدۇ، خۇددى كورىيە شىيەندەي ماشىنا بەلگىسىدەك . 
يوقارقىلاردىن باشقا ، ماركا قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتىنى ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا كەسپى خادىملارنىڭ مەسلىھەتىنى  ئېلىپ بىجىرسىڭىز بولىدۇ . 
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 
ماركا تورى 
www.marka.cn 
0991-7777755
ھەمبەھىرلەش