خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ماركا تۈرى 45چوڭ تۈر بولۇپ، يېقىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان

ماركا ساۋاتلىرى :
خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ماركا تۈرى 45چوڭ تۈر بولۇپ، يېقىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىرقىسىم تاۋار ، مۇلازىمەت ۋە تولۇقلاپ ئېلىنغانلار قوشۇلۇپ 46-تۈر قىلىپ ئېلان قىلىندى . بۇلار تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان كۆپ قىسىم تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئورنى، خاراكتىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە 45چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن .  ئوخشاش بىر ماركىنى 1-تۈرگە باشقىلار ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، باشقا تۈرىدە ئىلتىماس قىلمىغان بولسا ئىككىلەنمەي ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ ، يەنە ئوخشاش بىر چوڭ تۈر ئىچىدىمۇ مەلۇم گۇرۇپپىنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا بۇنىمۇ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، لىكىن ئوخشاش بىر تۈر ۋە گۇرۇپپىدا ئوخشاش ئىككى ماركىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ . 
شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىزگە زۈرۈر ماركىنى چوقۇم ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تۈر ، گۇرۇپپىلار بويىچە سېلىشتۇرۇپ يەكۈن چىقىرىش كىرەك ، بىر تۈردە شۇ ماركىنى باشقىلار ئېلىپ بوپتۇ دەپلا ئالدىراپ ۋاز كىچىشنىڭ ھاجىتى يوق . 
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ماركا تورى 
www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش