نىمە ئۈچۈن بىر تۈردە ئوخشاش ماركىدىن نەچچىسى رويخەتكە ئېلىنىپ قالىدۇ ؟

خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ماركا چوڭ جەھەتتە 45 تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ، بۇ 45 تۈر يەنە ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوخشىمىغان 530 دىن ئارتۇق گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەن ، بۇ گۇرۇپپىلار يەنە نەچچە مىڭ دانە ئوخشاش بولمىغان كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىز ماركا ئىلتىماس قىلغاندا ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت تۈرى بويىچە ئۇششاق تۈرنى بىرلىك قىلىپ تاللىۋالىمىز . بىر چوڭ تۈردە بىز ئۇششاق تۈرنى تاللىغان گۇرۇپپىلاردىلا بىزنىڭ ماركىمىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولۇپ، باشقىلار ئوخشاش بىر چوڭ تۈر ئىچىدىكى بىز تاللىمىغان باشقا گۇرۇپپىدىن ئوخشاش بىر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ. مانا بۇ دەل بىز ماركا تەكشۈرگەندە ئوخشاش بىر چوڭ تۈردە ئوخشاش بولغان ماركىدىن بىرنەچچىسىنىڭ رويخەتكە تەستىقلىنىشى ۋە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەگەر سىز ماركىڭىزنىڭ ئوبرازىنى تىكلىمەكچى ياكى قوغدىماقچى بولسىڭىز ، ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق بولمىغان ، لىكىن جەمىيەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان تۈرلەردە ماركىڭىزنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قوغداپ قېلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ . 

مەسىلەن : تۆۋەندىكى ماركىغا قاراڭ : 

ھەر ئىككى ماركا ئوخشاشلا« ئۇلۇغ ئاتا» ، لاتىنچە يېزىلىشىمۇ پەقەت بىرلا ھەرپ پەرقلىنىدۇ، خەنزۇچە يېزىلىشى ئوخشىمىسىمۇ ، لىكىن ئاھاڭ ئوخشاش. ئەسلى قائىدە بويىچە بۇ خىل ئوخشاش ياكى بەك يېقىن كىلىدىغان ماركا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تاسقىلىپ، كىيىن ئىلتىماس قىلىنغىنى قايتۇرۇلۇشى كىرەك ئىدى ، لىكىن ، ھەر ئىككىسى ئوخشاش تەستىقلانغان ،
بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
كۆك رەڭلىك « ئۇلۇغ ئاتا» ناملىق ماركا 32- تۈر ، ئىچىملىك تۈرىنىڭ 1- ۋە3- گۇرۇپپىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان،لىكىن، ئىچىملىكنىڭ ئاساسلىق تۈرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 2- گۇرۇپپىنى تىزىملىتىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ، چۈنكى ، رەڭسىز ھالەتتىكى « ئۇلۇغ ئاتا» ماركىسى ئۇلاردىن نەچچە يىل بۇرۇن بۇ ماركىنى ئىچىملىك تۈرىنىڭ 2- گۇرۇپپىسىغا رويخەتكە ئالدۇرغان ، ئەگەر كىيىنكى « ئۇلۇغ ئاتا» ماركىسى 32- تۈرنىڭ 1- ۋە 3- گۇرۇپپلىرىنىمۇ رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا ، ئاۋۇ كۆك رەڭلىك « ئۇلۇغ ئاتا » ماركىسىنىڭ رويخەت ئىلتىماسى تولۇق قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن ئىدى. دىمەك، ماركا تەكشۈرگەندە، چوڭ تۈرنىلا تەكشۈرۈپ قالماستىن ، يەنە چوڭ تۈر ئىچىدىكى گۇرۇپپىلارغىمۇ قاراش كىرەك، ئەگەر بىزگە لازىملىق كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپا ئوخشاش ماركىدا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا خاتىرجەم ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ماركا تەكشۈرگەندە سىرتىغىلا قارىماي ، ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىغىمۇ قاراش كىرەك . ۋاقتى توشقان ماركىلار  ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان بىلەن ، ئىناۋەتسىز قىلىنغان بولۇش ئىھتىماللىقى زور، شۇڭا بۇنداق ماركىلارنىمۇ داۋاملىق رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىۋىرىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، بىزگە كىرەكلىك ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنىپ بولغان ، لىكىن ماركا ئىگىسى 3 يىلغىچە ئۇ ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتمىگەن بولسا، ماركا ئىدارىسىغا « 3 يىلغىچە سەۋەبسىز ماركىنى ئىشلەتمىگەن» دەپ ئەرىز قىلىپ ، ئۇ ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلدۇرۇپ ئۆزىمىز ئىلتىماس قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ . 
شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا تەكشۈرگەندە ، تەپسىلى كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش بەك مۇھىم !

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش