دىققەت: بۇ ماركىلارنى كۆرۈپ نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟

ماركا ئىلتىماس قىلىشتا يۈرەكلىك بولۇپ سىناپ باقساق ،بىز ئويلاپ باقمىغان ماركىلار تەستىقلىنىپ قېلىشى مۈمكىن ! مەسىلەن، تۆۋەندىكى ماركىلارنى تەپسىلى كۆرۈپ بېقىڭ، ماركىنىڭ مەنىسىنى ، تىزىملىتىلغان تۈرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈڭ . مۇشۇنداق ماركىلارنىڭ رويخەتكە تەستىقلانغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالىسىز .( مەن بۇ ماركىلارنى تىزىملاش نومۇرىغا ئاساسەن دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ باقتىم ، ھەقىقەتەن رويخەتتە بۇ ماركىلار باركەن- ماركا تورى ).

 قاراڭ بۇ ماركىغا. ئاھاڭ بويىچە ئويلىساق « تاماق بەك سۇيۇق» دىگەنلىك بولىدۇ.ماركا قانۇنى بويىچە بولغاندا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايتى، يەنە كىلىپ ، بۇ « تاماق بەك سۇيۇق » دىگەن ماركىنى تېزتاماقخانا تۈرىگە تىزىملىتىپتۇ .  ماركا ئىگىسى ھەقىقەتەن تەۋەككۈلچىكەن.ماركا ئىدارىسى باھالاش خادىملىرى ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۈلەمدۇ قانداق؟!


بۇ ماركىنىڭ تەرجىمىسى « كالا گۆشى ئۈگرىسى جۇمھۇرىيىتى » دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ تاۋار ماركىسى مېنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى، ئىلتىماس قىلغۇچىمۇ ھەيران قالغاندۇ؟ بۇماركىنىڭ ۋاكالىتەن بىجىرگۈچىسى تېخىمۇ ھەيران قالدى بولغاي!ئەگەر بىزنىڭ ماركا تورىغا بىجىرگۈزگەن بولسا قۇبۇل قىلىشقا پېتىنالماسلىقىمىز مۈمكىن جۇمۇ!


 قاراڭ بۇ ماركىغا! ئۇيغۇرچە مەنىسى « زاۋۇت باشلىقى مىنىڭ نەۋرە ئاكام » ، قارىماققا بىمەنىدەك تۇيۇلىدۇ، لىكىن بۇمۇ بەلكىم زاۋۇت باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغۇسى بار بىرەرسىنىڭ ئويلاپ تاپقان ماركىسىدۇ .  ياكى كىيىم – كېچەك زاۋۇتىنىڭ باشلىقى راستىنلا ماركا ئىگىسىنىڭ نەۋرە ئاكىسىدۇر. ئىشقىلىپ ئەستىن چىقمىغۇدەك ماركىكەن.


يوقارقى ماركىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «غالجىر ئىت»بولىدۇ. بۇ ئىسىمنى كۆرۈپ، نېمىشقا ئالدى بىلەن غالجىر ئىت ۋاكسىنىسىنى ئەسكە ئالىمەن؟ مائارىپ تەربىيىسى بۇنداق زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، باشقىلارنى قورقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولغىدەك!
 
يوقارقى ماركىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى « كاشتاندىن بىرنى كۆتۈرەپ » دىگەنلىك بولىدۇ.ئاھاڭ بويىچە بولغاندا « مەسىلەن » دىگەنلىك . كاشتاننى مەن كۆرگەن، يەنە كېلىپ يەپ باققان، لېكىن بىزنىڭ ئۆيدىكى كاشتاننىڭ بىرسى قانچە پۇل؟ كۆتۈرۈشكە خېلى كۈچ سەرپ قىلامدۇق قانداق؟؟

يوقارقى ماركىنىڭ مەنىسى « ئۆلمەيدىغان قېرى لەغمىنى » دىگەنلىك بولىدۇ. زادى كىمنى ھاقارەتلىمەكچى؟ ۋەياكى بۇ لەغمەننى يىسە ئۆلمەي ئۇزۇن ياشىغىلى بولامدىغاندۇ؟  ماۋۇ ماركا ئىسمىنى كۆرۈپ، بىر يەرلىرىم بىر قىسما بولۇپ قالدى! سىزنىڭچىچۇ؟


يوقارقى ماركىنىڭ مەنىسى « دادامغا دەپ قويغىن» دىگەنلىك بولىدۇ. دادىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىشالمايدىغان بىرسىنىڭ ئويلاپ تاپقان ماركىسى ئوخشىمامدۇ؟


يوقارقى ماركا «قىزىل راۋاقتىكى چۈش » فىلىمىدىكى ھويلىنىڭ ئىسمى .كۆچمە مەنىدە ئەيىش- ئىشرەتكە يېقىن جاي بولىدۇ.   بۇ ئىسىمنى كۆرۈپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ مەخسۇس تورغا چىقىپ بۇ ئىسىمنى ئىزدەپ باقتىم، دىمىسىمۇ راستىنلا يىخۇڭيۈەندىكى بەيدۇ قامۇسىنى ئىزدەپ تاپتىم، بۇ يەرگە كەلگەندە دېمىسەم بولمايدۇ، ئۆزۈم مۇرەككەپ ئويلاپ قالدىم.


يوقارقى ماركىنىڭ مەنىسى «ھاجەتخانا تىزىقلىق » ، دىمەكچى، بۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ قورساق ئاغرىشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولغىدەك.


يوقارقى ماركا ھاراق تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنغان .
ئاۋۋال دەپ قوياي، مەن ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، بۇ ماركىدىكى سيىپ تۇرغان كىچىك بالىنى كۆرۈپ  كۆرۈپ نوقۇل ھالدا بۇ ھاراقنىڭ تەمىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم. ئىچىپ باققانلار دەپ بېقىڭلار، تەمى قانداقكەن؟!



قاراڭ بۇ ماركىغا. « چىنشىخۇاڭ» نى بىلىدىغانسىز؟ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى پادىشاھ، دۇنياغا داڭلىق سەددىچىن سېپىلىنى دەل مۇشۇ پادىشاھ ياساتقان . مۇشۇنداق داڭلىق كىشىنىڭ ئىسمىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىنىپتۇ. يەنە كىلىپ ئويۇن قۇيۇش ، سەنئەت تۈرىكەن .
 

خۇلاسە: دۇنيادا نۇرغۇنلىغان بىز مۈمكىن بولمايدۇ دىگەن ئىشلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ قالىمىز. ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىمۇ شۇنداق. بىز ماركا ۋاكالەتچىلىرى تەستىقلانمايدۇ ، دىگەن ماركىلار ماركا ئىدارىسى باھالاش ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ، قارىغاندا بىز ئازتولا يۈرەكلىك بولۇپ سىناپ باقساق بەزى ماركىلارنىڭ تەستىقلىنىش ئىھتىماللىقىمۇ يوقۇرىكەن جۇمۇ!

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش