جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى قاتارلىق سەككىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 4-قېتىم تۈزىتىلدى)
 
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى
 
(1982-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1993-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلدى، 2001-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24-يىغىنىنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلدى،2013-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يېغىنىنىڭ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3- قېتىم تۈزىتىلدى، 2019-يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى 13- قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىناكارلىق قانۇنى» قاتارلىق 8 تۈرلۈك قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن 4- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى .)
 
بىرىنچى باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
 
1-ماددا بۇ قانۇن تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىملىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش، ئىستېمالچىلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، ئۇ تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

3-ماددا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولىدۇ، ئۇ تاۋار ماركىسى، مۇلازىملىق ماركىسى ۋە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى كوللېكتىپ، جەمئىيەت ياكى باشقا تەشكىلات نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىملىقنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات تىزگىنلەيدىغان، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىملىقىغا ئىشلىتىپ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىملىقنىڭ ئەسلىي جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

4-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىدىن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان غەرەزلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش كېرەك.
بۇ قانۇندىكى تاۋار ماركىسىغا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇلازىملىق ماركىسىغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

5-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا ۋە ئۇنى ئورتاق يۈرگۈزسە بولىدۇ.
6-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت، رويخەتكە ئالدۇرمىغانلارنىڭ بازاردا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
7-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلمىشلىرىنى توسۇشى كېرەك.

8-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەر قانداق بەلگە، جۈملىدىن خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار ھەمدە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ.
9-ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولۇشى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى« رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بەلگە دەپ يېزىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

10-ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، دۆلەت شېئىرى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە گېربى، ئارمىيە مارشى، ئوردېنى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، شۇنىڭدەك مەركىزىي دۆلەت ئورگىنىنىڭ نامى، بەلگىسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بولسا؛
(2) چەت ئەلنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(3) ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنى ئازدۇرمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا
(4) ھۆكۈمەت كونتروللۇقى، كاپالىتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە، تەكشۈرۈش تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(5) «قىزىل كرېست» ، « قىزىل ھىلال ئاي» نىڭ نامى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە؛
(6) مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان بولسا؛
(7) ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، جامائەتنىڭ تاۋارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ
(8) سوتسىيالىستىك ئەخلاق-پەزىلەتكە زىيانلىق ياكى باشقا ناچار تەسىرى بارلار.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئەل يەر نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، يەر نامىنىڭ باشقىچە مەنىسى بولغانلىرى ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا رويخەتكە ئېلىنغان، يەر نامى ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

11-ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:
(1)شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپىلا بولغان بولسا؛
(2)تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنىلا بىۋاسىتە ئىپادىلىگەن بولسا؛
(3) روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان باشقا ئەھۋاللار.
 ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەر ئىشلىتىلىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا ھەمدە پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولسا، تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ.

12-ماددا ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنسا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلنى رويخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ.
13-ماددا ئالاقىدار جامائەتكە تونۇشلۇق تاۋار ماركىسى بولۇپ، تاۋار ئىگىسى ئۇنىڭ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى دەپ قارىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، تەقلىد قىلىنغىنى ياكى تەرجىمىسى بولغانلىقتىن ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىدىن كۆپەيتىلگەن، تەقلىد قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جامائەتنى ئازدۇرغانلىقتىن شۇ مەشھۇر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

14-ماددا مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بېكىتىشكە تېگىشلىك پاكىت سۈپىتىدە بېكىتىش كېرەك. مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك
1) مۇناسىۋەتلىك ئاممىنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى؛
(2) شۇ تاۋار ماركىسىنى سىجىل ئىشلىتىش ۋاقتى؛
(3) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۇدا تەشۋىق قىلىنغان ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيىلىك دائىرىسى؛
(4) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە قوغدالغانلىق خاتىرىسى؛
(5) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى باشقا ئامىللار.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالاقىدارلار بۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېلو تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇرلۇق ئەھۋالىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇرلۇق ئەھۋالىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇرلۇق ئەھۋالىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ« مەشھۇر تاۋار ماركىسى» دېگەن سۆزنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسىغا ياكى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

15-ماددا ۋاكالەتچى ياكى ۋەكىل ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ ئۆز نامى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى باشقىچە پىكىردە بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
   بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى باشقىلار ئاۋۋال ئىشلەتكەن، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن باشقىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا توختام، مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.

16-ماددا تاۋار ماركىسىدا تاۋارنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇ تاۋار شۇ بەلگىدە كۆرسىتىلگەن جايدىن چىقمىغانلىقتىن جامائەتنى ئازدۇرىدىغان بولسا رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغانلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.
ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن جۇغراپىيىلىك بەلگە مەلۇم تاۋارنىڭ مەلۇم جايدىن چىققانلىقى، شۇ تاۋارنىڭ مۇئەييەن سۈپىتى، ئىناۋىتى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ تەبىئىي ياكى ئېتنوگرافىك ئامىلى بەلگىلىگەن بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

17-ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
18-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى ئۆزى بېجىرسىمۇ بولىدۇ، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

19-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى ۋاكالەتلىك قىلىش جەريانىدا بىلگەن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىدا بۇ قانۇندا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئەھۋال مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولسا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 4-، 15-، 32-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئۇنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، باشقا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

20-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساھە تەلەپچانلىقى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەزالارنى جازالىشى كېرەك. تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى قوبۇل قىلغان ئەزالار ۋە ئەزالىرىنى جازالاش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
 21 -ماددا تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بېكىتىلگەن تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىنىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.


2-باپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى
 
22 -ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلىدىغان تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تۈر جەدۋىلى بويىچە تولدۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىر پارچە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق كۆپ تۈردىكى تاۋارغا ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەر يازما شەكىلدە ياكى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.
23
-ماددا تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دائىرىسى سىرتىدىكى تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشقا توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك
24-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قايتا ئىلتىماس قىلىش كېرەك
25-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى چەت ئەلدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە جۇڭگودا ئوخشاش تاۋار ئۈچۈن ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇ چەت ئەل جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ياكى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ
2 ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى سۈرۈك ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
26
-ماددا بۇ تاۋار ماركىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاچقان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ تاۋار يەرمەنكىگە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ
 ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە بۇ تاۋار قويۇلغان يەرمەنكىنىڭ نامى، يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دەلىل-ئىسپاتى، يەرمەنكىگە قويۇلغان ۋاقتى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرىنى سۈرۈك ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
27
-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىكى ئىشلار ۋە ماتېرىياللار چىن، توغرا، مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.
3-باپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
 
28-ماددا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇپ، بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك
29-ماددا تەكشۈرۈش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش ياكى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىزاھات بېرىش ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىزاھات بەرمىگەن ياكى تۈزەتمىگەن بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ
30-ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىسا ياكى باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەن تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ، ئېلان قىلمايدۇ
31-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ؛ بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىنمايدۇ
32-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلار ئىشلەتكەن ھەم مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ
33-ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئاۋۋال ھوقۇقلۇق كىشى، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار بۇ قانۇننىڭ 13 ماددىسىنىڭ 2 تارمىقى ۋە 3 تارمىقى، 15 ماددىسى، 16 ماددىسىنىڭ 1 تارمىقى، 30 ماددىسى، 31 ماددىسى، 32 ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا ياكى ھەرقانداق كىشى بۇ قانۇننىڭ 4، 10، 11، 12، 19 ماددىسىنىڭ 4 تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇددەت توشقۇچە باشقىچە پىكىر بولمىسا، رويخەتكە ئېلىنىپ، رويخەت گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
34-ماددا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ
35-ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىنى ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئېلان مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىش-ئالماسلىقنى قارار قىلىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىشنى تەستىقلاش قارارى چىقارغان بولسا، رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قايىل بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44-، 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقارغاندا، باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچىگە ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا چېتىلىدىغان ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان يەنە بىر دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىشى شەرت، تەكشۈرۈشنى توختاتسا بولىدۇ. توختىتىش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
36
-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسى چىقارغان ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى چىقارغان قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ياكى قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى بېكىتىش ئېلانىغا ئۈچ ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ تاۋار ماركىسى ئېلانى مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقىرىلغانغا قەدەر، باشقىلارنىڭ بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ لېكىن، شۇ ئىشلەتكۈچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا يامان غەرەزدە زىيان سالغان بولسا، تۆلەم بېرىشى كېرەك.
37
-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك
38-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى رويخەتكە ئالغۇچى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدە روشەن خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرىدۇ
ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن خاتالىقنى تۈزىتىش تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا چېتىلمايدۇ.
4-باپ  رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتى
 
39-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ
40-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۆھلەت توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك رويخەتكە ئېلىنغان ھەر قېتىملىق داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددەت توشقۇچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى داۋاملىق رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
41
-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك
42-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئۆتۈنمە كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك
تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر يوللا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.
ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىش ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
43
-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى تۈزۈش ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ. ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك
باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشتە، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە تاۋار چىققان جاينى ئەسكەرتىش شەرت.
رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەت بەرگۈچى شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

5-باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش
 
44-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 4-، 10-، 11-، 12-، 19-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ياكى ئالدامچىلىق ۋاستىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلايدۇ باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش توغرىسىدا قارار چىقارغاندا، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە جاۋاب بېرىش مۇددىتى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىم تەرتىپىدىكى قارشى تەرەپكە 3-كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
45
-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 3-تارمىقى، 15-، 16-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 30-، 31-، 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئاۋۋال ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، مەشھۇر تاۋار ماركىسى ئىگىسى بەش يىللىق مۆھلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە جاۋاب بېرىش مۇددىتى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىم تەرتىپىدىكى قارشى تەرەپكە 3-كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلىش جەريانىدا، چېتىلىدىغان ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان يەنە بىر دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىشى شەرت، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
46
-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدىكى قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدىكى كېسىم ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارى ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، كېسىمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ
47-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44-، 45-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى باشتىلا مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى قارار ياكى كېسىمدە، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى ئۈستىدە ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامە ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا چىقارغان ھەمدە ئىجرا قىلغان قارار شۇنىڭدەك ئادا قىلغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىشلىتىش ئىجازىتى توختامىدا سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ. لېكىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ يامان نىيىتى بىلەن باشقىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش تۆلەم پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھەققىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرماي، ئادىللىق پرىنسىپىغا روشەن ھالدا خىلاپلىق قىلغان بولسا، ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇش كېرەك.
6-باب تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش
 
48-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسىنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسى شۇنىڭدەك تاۋار سودا ھۆججىتىدە ئىشلىتىش ياكى تاۋار ماركىسىنى ئېلان تەشۋىقات، كۆرگەزمە ۋە باشقا سودا پائالىيىتىدە تاۋار مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
49-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى شۇ تاۋار ماركىسى تەستىقلاپ ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلانغان ياكى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
50
-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.
51-ماددا بۇ قانۇننىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ% 20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ
52-ماددا رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ بۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20  دىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ
53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ
54-ماددا ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ياكى بىكار قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ
55-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارى، قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.
7-باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
 
56-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسى ۋە ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار بىلەنلا چەكلىنىدۇ
57-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ:
(1)تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش
(2)تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىش
(3) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تاۋارنى سېتىش؛
(4) باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز مەيلىچە ياسىغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسىغان رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ساتقانلار
(5)تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرغان ھەمدە تاۋار ماركىسى ئالماشتۇرۇلغان شۇ تاۋارنى بازارغا سالغان بولسا؛
(6)باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قەستەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛
(7)باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا زىيان سالغان باشقا قىلمىشلار؛
58
-ماددا باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىدىكى دۇكان نامى قىلىپ ئىشلىتىپ، جامائەتنى ئازدۇرۇپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى شەكىللەندۈرسە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ
59-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى، تىپى ياكى تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر-جاي ناملىرىنى ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشى باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى چەكلىسە بولمايدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگىسى ئىچىدىكى تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلغان شەكىلدە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئورۇنلۇق ئىشلىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقى يوق.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەم مەلۇم تەسىرى بار تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بولسا، رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەسلىي ئىشلىتىش دائىرىسىدە داۋاملىق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن مۇۋاپىق پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
60
-ماددا بۇ قانۇننىڭ 57-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتسە، شۇ قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى ۋە شۇنداق تاۋارنى ياساشقا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
61
-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك
62-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل-ئىسپات ياكى پاش قىلىشقا ئاساسەن، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىندى، دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
(1) ئالاقىدارلاردىن سوئال سوراش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش
(2)ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛
(3) ئالاقىدارلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش؛
(4) ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات بار بۇيۇملارنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى جەھەتتە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسا ياكى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسى قىلغان بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
63
-ماددا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش سەۋەبىدىن تارتقان ئەمەلىي زىيىنى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ئەمەلىي زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئىتى بويىچە بېكىتىلسە بولىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا يامان نىيەتتە دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تۆلەم سوممىسىنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بەلگىلەنگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن بېكىتسە بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك
خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ھوقۇق ئىگىسى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللارنى ئاساسلىقى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ئىگىلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمىسە ياكى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتتىن پايدىلىنىپ تۆلەم سوممىسىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.
ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقتىن تارتقان ئەمەلىي زىيان، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئەت، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارلارنى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان ئاساسلىق تاۋارنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال، سايمانلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىيال، قوراللارنىڭ سودا يولىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان تاۋارنى ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن سودا يولىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
64
-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تۆلەم تەلەپ قىلسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمىگەنلىكىگە رەددىيە بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىك دەلىل-ئىسپاتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
65
-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ياكى قىلىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلىسە، قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توختىتىشقا بۇيرۇش ۋە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
66-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل-ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولغان ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
67
-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ياساپ ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسالغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
68
-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ
(1) تاۋار ماركىسىغا دائىر ئىشلارنى بېجىرىش جەريانىدا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان قانۇن ھۆججىتى، تامغىسى ۋە ئىمزاسىنى ئىشلەتكەن بولسا؛
(2)باشقا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى قارا چاپلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى جەلپ قىلغان ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(3) بۇ قانۇننىڭ 4-، 19-ماددىسىنىڭ 3-ۋە 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىش كۆرۈلسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەيدۇ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلسا، ئېلان چىقارسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى يامان نىيەتتە ئىلتىماس قىلغانلارغا قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، يامان نىيەتتە تاۋار ماركىسى دەۋاسى قىلغانلارغا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.
69-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك-ئىنتىزامچان بولۇشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىملىق قىلىشى شەرت.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
70
-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك
71-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قايتا باھالاش ئىشلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېجىرىپ، ئالاقىدارلاردىن پۇل-مال ئېلىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
 
72-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، كونكرېت ھەق ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ
73-ماددا بۇ قانۇن 1983-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1963-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان« تاۋار ماركىسى باشقۇرۇش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەردىن بۇ قانۇنغا زىت كېلىدىغانلىرى كۈچتىن قالىدۇ
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى تورى

 
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
ھەمبەھىرلەش