ماركا ئىگىلىرى دىققەت ! بۇخىل ئالدامچىلىققا سىزمۇ ئۇچراپ قالىسىز

ماركا رويىخەت ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ ، دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كىيىن ، بۇنى كۆرگەن بىرقىسىم سۈيۈملىك ھايانكەش ماركا ۋەكالەتچىلىرى ( ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەر) ماركا ئىگىسىگە پوچتىدىن خەت ئەۋەتىپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىقىدەك خوش خەۋەرنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە ، يەنە تولۇقلاپ 1000 يۈەن تاپشۇرمىسا ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، ماركا ئىگىلىرىدىن پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنى ئويلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق بولۇپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسىغا بىر قېتىم پۇل تاپشۇرساقلا بولدى، ئەگەر ئىلتىماس قايتۇرۇلۇپ ، قايتا ئەرىز سۇنمىساقلا باشقا ھېچقانداق چىقىم كەتمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ھاۋالە قىلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ ، بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز .
ماركا تورى – شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى ماركا ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى بولۇپ ، شىركىتىمىز دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن باشتىن ئاخىر ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ . ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىھتىياجلىق بولسا ماركا لايىھەلەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدۇ .
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 7777755، 8888549 – 0991
ئۈندىدار : 3935579
ھەمبەھىرلەش