دىققەت! بۇنداق ھۆججەتنى تاپشۇرىۋالسىڭىز ھەرگىز ھودۇقماڭ!

      قاراڭلا ، تۈۋەندىكى رەسىمدىكىسى ئىچكىردىكى شىنجاڭ قۇياش شىركىتى - ماركا تورىغا ئوخشاش بىر ماركا ۋەكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ماركا ئىگىسىگە پوچتىدىن ئەۋەتكەن قىزىل باشلىق ھۆججىتىكەن . مەزمۇنى ، قارشى تەرەپكە شۇ كىشىنىڭ نامىدىكى مەلۇم بىر ماركىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ئۇزارتىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى  ۋاقتىدا تەمىنلەش بىلەن بىرگە ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 3000يۈەن تاپشۇرۇش كىرەكلىكىنى ئۇقتۇرماقچىكەن .  
   بۇنداق خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئادەم دەسلەپ ئازتولا ھۇدۇقۇپ قالىدۇ دە، مۇنداق جىددى ھۆججەت چۈشكىدەك مەن نىمە ئىش قىپ قويغاندىمەن؟ دەپ. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇھىم ئىش، لىكىن بۇنچە ھەيۋەتلىك ھۆججەت چۈشۈرۈپ ، دۆلەت تىل- يېزىقىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان بىرقىسىم ماركا ئىگىلىرىنى ساراسىمىگە سېلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ھەم بۇنچە يوقۇرى ھەقمۇ ئېلىنمايدۇ . 
   ئەگەر نامىڭىزدىكى ماركىنىڭ 10يىللىق ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشقان بولسا ، داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز ، كىملىكىڭىزنىڭ رەسىمى بىلەن ماركا تىزىملاش نومۇرىنى بىزگە تور ئارقىلىق تەمىنلىسىڭىزلا باشقا ماتىرىياللارنى بىز تەييارلاپ ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىڭىزنى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا يوللايمىز. بۇچاغدا ماركىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى يەنە 10يىل ئۇزارتىلىدۇ . ئەگەر داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالىمىسىڭىز، بۇ ئىلتىماسنى يوللىمىسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ ، ھېچكىم سىزنى زورلىمايدۇ ھەم ئاغرىنمايدۇ ، ماركا ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشقاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىقلار ئىلتىماس قىلىپ پايدىلانسا بولىۋىرىدۇ . 
   بىزدە « يېقىندىكى موللام جا موللام ، يىراقتىكى موللام دا موللام » دەيدىغان بىر ماقال بار. بىز شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ، ئەسكەرتىپ مۇلازىمەت قىلساق ، ھە دەپ قۇيۇپ ، بىزگە ئىشەنمەي ، گىپىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئاشۇنداق شىركەتلەرگە ئەرزانكەن ياكى چوڭ شەدىكەن ، چوقۇم ئاۋۇلاردىن دەرىجىسى يوقۇرى ياكى ئىشەنچلىك دەپ مۇشۇنداق مۇھىم ئىشلارنى ھاۋالە قىلىپ ، ئاخىرىدا پۇشايمان قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز يوق ئەمەس.  نەتىجىدە مانا مۇشۇنداق بىرقاتار قىلتاقلارغا چۈشىدىغان گەپ .
   ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ يوقۇرى -تۈۋەنلىك دەرىجىسى ياكى ئۈنۋانى بولمايدۇ، پەقەت كەسپىي سەۋىيەسى ۋە سەمىمىيلىكىدە پەرقلەر بولىدۇ .
  ماركا سىزنىڭ سودا - تىجارەتتىكى ئىناۋىتىڭىزنىڭ بەلگىسى . بۇنىڭغىمۇ ئاز- تولا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىسىڭىز ياكى بىپەرۋالىق قىلسىڭىز ، سىزنىڭ سودا -تىجارەتتىكى تەرەققىياتىڭىز قانچە ئۇزۇن داۋاملىشار؟  
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى - ماركا تورى 
تېخىمۇ كۆپ ماركا ساۋاتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ماركا تورىغا كىرىڭ ! 
تور ئادرىسى : Www.marka.cn 
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 0991-7777755
13899923484 
ئۈندىدار : 3935579
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش