ماركا ئىدارىسى 1-تۈركۈمدىكى 63 دانە يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى قانۇن بويىچە رەت قىلدى

   3-ئاينىڭ 3-كۈنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەن 63 دانە يۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوت ئىلاھى تېغى، لېي شېن تېغى، جۇڭ نەنشەن قاتارلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، قانۇن بويىچە رەت قىلىش قارارى چىقاردى.  بۇ قېتىم رويخەتكە ئېلىش رەت قىلىنغان بۇ 63 دانە تاۋار ماركىسى ئاسانلا جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 10-ماددىسىنىڭ 1-تارماق 8 -تۈرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇنى قارار چىقىرىلدى. بۇ 27 دانە « ئوت ئىلاھى تېغى» ، 24 دانە« لېي شېنشەن» ، ئۈچ دانە« جۇڭ نەنشەن» ، ئۈچ دانە« فاڭساڭ» قاتارلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 41 ئىلتىماس قىلغۇچىغا چېتىلىدۇ، جەمئىي 23 تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرى بار.  خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى ۋۇخەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سەپ دوختۇرخانىسىنىڭ نامى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى.  خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىدىن باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرسا ئاسانلا زور ئىجتىمائىي ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئۇنى قانۇن بويىچە رەت قىلىشى كېرەك.  جۇڭ نەنشەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق نەپەس كېسەللىكلىرى ئىلمى مۇتەخەسسىسى، 2003-يىلى« سارس» قا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، دۆلەت سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى.  ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ئىسىم-فامىلىسىنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاسانلا زور ئىجتىمائىي ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئۇنى قانۇن بويىچە رەت قىلىشى كېرەك.  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئەگىشىپ، چاسا بۆلۈمچە دوختۇرخانا جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق سۆزلۈك بولۇپ قالدى، « چاسا بۆلمە» تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاسانلا زور ئىجتىمائىي ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇنى قانۇن بويىچە رەت قىلىش كېرەك.  ھازىرغا قەدەر، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى« ئوت ئىلاھى تېغى» ، « لېي شېن تېغى» قاتارلىق 1500 پارچىدىن ئارتۇق ۋە بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەن باشقۇرۇش، كونترول قىلىشقا تىگىشلىك تاۋار ماركىلىرى قانۇن بويىچە رەت قىلىنىدۇ.  
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 
 
ھەمبەھىرلەش