ماركىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ

  دۇنياغا داڭلىق «ئادىداس» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادولۇف داسىلېر ئەپەندىنىڭ: «مۇبادا پۈتۈن مال- دۇنيارىم بىر كىچىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتسە، 'ئادىداس' دېگەن مۇشۇ ئالتە ھەرىپتىن تۈزۈلگەن ئىسىمغا تايىنىپ ئەتىسىلا يەنە ئورنۇمدىن دەس تۇرالايمەن» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار.

بۇ سۆزنى كۆپ يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى نۇرغۇن كارخانىچى داڭلىق ماركا يارىتىشتا ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ كەلدى. بۇ سۆزدىن ھەر قانداق كارخانىغا نىسبەتەن ماركىنىڭ زادى قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا، داڭلىق ماركىنى بىر كارخانىنىڭ بازار رىقابىتىدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشى ۋە كارخانىغا ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىشىدىكى «كوزىر» دېسەك ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ، مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان ھەر قانداق كارخانا پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپلا، بۇ «كوزىر»غا ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي كۈرەش قىلىدۇ. بىراق، "ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق" دېگەندەك ، بىر قىسىم كارخانىلار ياخشى «كوزىر»غا ئېرىشىش چۈشىنى نۇرغۇن يىل كۆرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ "شىرىن چۈشى" يەنىلا چۈش پېتىچە قالىدۇ. يەنە بىر قىسىم كارخانىچىلار بولسا تىرىشچانلىقى ۋە قان- تەرى بەدىلىگە بۇ «كوزىر»غا ئېرىشىپ، رەھىمسىز بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇپ، كارخانىنى يېڭى يۈكسىلىش ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
 

خوش، ئۇنداقتا، ھەممە كارخانىچىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان داڭلىق ماركا بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
  ئامېرىكىدا چىقىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇسلۇق ئىقتىساد ژورنىلى- "فوربىس" ژورنىلى 2008- يىلى ئېلان قىلغان دۇنياغا داڭلىق 100 ماركىنىڭ 53 ى ياۋرۇپادا، 36سى ئامېرىكىدا، 11ى ئاسىيادا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسىيادىكى 11 ماركىنىڭ 6 سى ياپونىيەدە، 5 ى كورىيەدە ئىكەن. دېمەك، جۇڭگودا تېخى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان داڭلىق ماركىدىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن. بۇنداق رىئاللىق بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ھەم چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. يەنە بىر پاكىت شۇكى، دۆلەت سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى 2001- يىلىدىن باشلاپ، ئېلىمىزدە "جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى"نى باھالاشنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 1 مىڭ 957 خىل مەھسۇلات بۇ نامغا ئېرىشكەن. شىنجاڭدىن ئاران 18 خىل مەھسۇلات "جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى" دېگەن تاجنى كىيىش شەرىپىگە نائىل بولغان. كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بىرەرسىمۇ بۇ "تاج"نى كىيىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان.
"سەنلۇ" ماركىلىق سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىن كېيىن، دۆلەت سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا بىرىلىدىغان "تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلات" دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، ھەم "جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى"نى باھالاش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى شەرت-شارائىتى خېلى ئوبدانلا پىشىپ قالغان بىر قىسىم كارخانىلارمۇ بۇ "شەرەپ تاجى"دىن قۇرۇق قالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى "شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى" نى باھالاشنى يولغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 206 خىل مەھسۇلات بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.
يۇقىردا بىز داڭلىق ماركىدىن ئىبارەت بۇ «كوزىر» نىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق.

ئۇنداقتا، بۇ «كوزىر» نى بارلىققا كەلتۈردىغان ئامىللار قايسىلار؟

1- مەھسۇلات سۈپىتى
 سۈپەت تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا، بىر مەھسۇلات ۋە بىر كارخانىنىڭ ھايات-ماماتلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. ھەرقانداق بىر كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئىزچىللىقنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاش ئۇنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىشىدىكى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى "ئالتۇن توپىدىمۇ پارقىرايدۇ" دېگەندەك، ھەرقانداق سۈپەتلىك مەھسۇلات لاتاپىتى ۋە قىممىتى بىلەن كۈچلۈك بازار رىقابىتىدە ئۇزاققىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. بىز يىراققا ئەمەس، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، خۇددى سۇ يۈزىدىكى كۆپۈككە ئوخشاش پەيدا بولۇشىدىن يوقۇلۇشى تېز بولۇپ كەتكەن مەھسۇلاتلاردىن نەچچە ئوننى قىينالمايلا ساناپ بىرەلەيمىز. چۈنكى، "ئاتاڭمۇ بازار، ئاناڭمۇ بازار" دېگەندەك سۈپەتسىز، ئەخلەت مەھسۇلاتلار بازاردا ھامان شاللىنىپ كېتىدۇ.

2-ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى
 ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىستېمالچىلار بىر مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىغا باھا بىرىشتىكى ئەڭ ئادىل تارازا. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ كىيىم- كېچەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا ھېسابلىنىدىغان بېيجىڭ "خۇڭدۇ" كىيىم-كېچەك گۇروھىنىڭ باش مۇدىرى جۇ خەيجياڭ مۇنداق دېگەن: "بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىشەنچىسى ھەرقانداق ئالتۇن ۋە كۆمۈش لوڭقىدىن ئەۋزەل". دۇنياغا داڭلىق ماركا "كوكا- كالا" شىركىتى كۆپ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە مال ساتقۇچىلىرىغا شىركەتنىڭ تېجارەت ئەقىدىسى: "مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۇكانلاردىكى مال تەكچىسىگە ئەمەس، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىگە تىزىشىمىز كېرەك" دېگەن سۆزنى قايتا- قايتا ئەسكەرتىپ تۇرۇشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىغان.

3- ئېلان-تەشۋىقات

 بىر مەھسۇلاتنىڭ نامىنى يىراق- يىقىنغا تونۇتۇشتا ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىر يېڭى مەھسۇلاتنىڭ "دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى"نى خەلقئالەمگە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئېلان زامانىۋى تىجارەتتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ. ھازىر خەلقئارادا كارخانىچىلار ئارىسىدىكى رىقابەتتە "ئېلان جېڭى" مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تەدبىرلىك ۋە تەجرىبىلىك كارخانىچىلار ھەر يىلى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزور ۋە تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆپلەپ ئېلان بىرىپ، كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە تىرىشماقتا. مەلۇم بولۇشىچە "كوكا- كولا"، "مېرسىدىس"، "سامسوڭ" ۋە "ئالما" قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەر يىلى ئېلان ئۈچۈن سەرىپ قىلغان مەبلىغى نەچچە مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا نەزەر سېلىپ باقايلى: جېجىياڭ "نائەيسى" گۇروھى «كوزىر» مەھسۇلاتى- "بۈركۈت" ماركىلىق سوپۇن پاراشۇكىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستىمالچىلىرىغا تونوشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ بازارلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ئېلان بىرىشكە ھەر يىلى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن.
ھالبۇكى،  شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كارخانىلار ئېلاننىڭ رولىنى چۈشەنمەسلىك ۋە مەبلەغ يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان بەرمىگەچكە، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن باشقا كارخانىلارنىڭ ئاۋازى شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئاۋازىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىپ، بازار ۋە خېرىدارلارنى تارتىپ كىتىپ بارىدۇ
 

ئۇنداقتا، شىنجاڭدىكى كارخانىلاردا داڭلىق ماركىدىن پايدىلنىشتا قانداق يىتەرسىزلىكلەر بار؟
ئالدى بىلەن، بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىز داڭلىق ماركا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ئۈنۈمنى تېخى تولۇق تونۇپ يېتەلمىدى. ماركا- شەكىلسىز مۈلۈك دېمەكتۇر. بۈگۈنكى ئىقتىساد ۋە ئىقتىسادى ھەركەتلەر يەر شارىلىشىۋاتقان شارائىتتا، كىمكى داڭلىق ماركىنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى ۋاقتىدا تونۇپ، بۇ «كوزىر»غا باشقىلاردىن بالدۇر ئېرىشسە، ئۇ چوقۇم بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بازار دېڭىزىدا رەھىمسىزلەرچە باشقىلارغا يەم بولىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ كارخانا قۇرغان كۈنىمىز دەل داڭلىق ماركا يارىتىش ئىستېراتىگىيىمىزنى يولغا قويغان كۈنىمىز بولۇشى كېرەك. بۇ ئىشنى بىر مىنۇتمۇ كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن، بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىز قولىدىكى ماركىلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ئۆز قەرەلىدە باھالىتىشقا بەكلا سەل قاراپ كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ "زەرەپشان"، "ئەتلەس"، "يىلىم"، "ئەنجۈر" قاتارلىق ماركىلار بىر كېچىدىلا باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. باشقىلار بىزدىن: "ماركاڭنىڭ قىممىتى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟" دەپ سورىسا، كېكەچلەپ ئېنىق بىر نەرسە دەپ بىرەلمىدۇق. شىنجاڭ "ئارمان" يىمەكلىكلەر گۇروھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە: "ئارمان" دېگەن بەش ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزدىكى ھەر بىر ھەرىپنىڭ قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە، يەنى "ئارمان" ماركىسىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد يۈەنگە يارايدىكەن. دېمەك، ئارمان گۇرۇھى ھەر يىلى ئۆز ماركىسىنى دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرىغا باھالىتىپ تۇرغاچقا، بۇ سوئالغا ئەنە شۇنداق دادىل جاۋاب بېرەلىدى.
داڭلىق ماركا يارىتىش ھەم جاپالىق، ھەم ئۇزاق جەريان. بىراق، شۇنىسى ئېنىقكى، كارخانىچىلىرىمىزدا يىراقنى كۆرەرلىك ئىڭى، چىدام ۋە غەيرەت بولىدىكەن داڭلىق ماركىدىن ئىبارەت بۇ «كوزىر» ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ. ماركىڭىزنىڭ داڭلىق ماركا ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىستىمالچىلارنىڭ قولىدا بولىدۇ. خۇددى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ماركا ئىستىراتېگىيەسى مۇتەخەسىسى ئەي فىن ئەپەندى ئېيىتقاندەك: "بىر ماركىنىڭ داڭلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيەلىك تارماقلىرى ياكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن تەركىب تاپقان باھالاش كومىتېتى ئەمەس، بەلكى، بازار ۋە ئىستىمالچىلار بەلگىلەيدۇ".
ھەمبەھىرلەش