ماركىنى رەنىگە قۇيۇپ بانكىدىن قەرىز پۇلى ئېلىش كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ يېڭى يولى بولۇپ قالدى

  تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش دىگىنىمىز  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ، بانكىدىن قەرزپۇل ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇيەردىكى رەنە قويۇلغان تاۋار ماركىسى چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولۇشى كېرەك، چۈنكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىلا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
بۈگۈن كىچىككىنە تاۋار ماركىسى 20 مىليون رەنىگە قويۇش قەرزىگە ئېرىشتى. لوياڭ شەھىرى شىننېڭ ئوق قازان ياساش چەكلىك شىركىتى ئۆزى ئىگە بولغان« يېڭى ئېنېرگىيە» تاۋار ماركىسى ئارقىلىق جۇڭگو بانكىسى لوياڭ شۆبە بانكىسىدىن 20 مىليون يۈەن قەرز ئېلىپ، لوياڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش تۈرىگە ئايلاندى.    ھازىر لوياڭ شەھىرىدە كۈچكە ئىگە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدىكى تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش تۈرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بېجىردى. بۇ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى گۆرۈ بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كارخانا، پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتىنى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ ماركا ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  تاۋار ماركىسى كارخانا ئۈچۈن تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋەت يارىتىپلا قالماي، يەنە قەرىز بىجىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇش كەسپى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، شەكىلسىز مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم ئىستراتېگىيە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى تاۋار ماركىسىنىڭ شەكىلسىز مۈلۈك قىممىتى بولۇپلا قالماي، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ يادرولۇق ئامىلى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى تىپتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بارغانسېرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوللىنىشىغا ئېرىشتى. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەلگۈسىدە غايەت زور ھەرىكەت بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. دۆلىتىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن رايونلار كارخانىلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان شەكىلسىز مۈلۈكلەردىن پايدىلىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، سودا خاراكتېرلىك چوڭ بانكىلارمۇ ئىناۋىتى يۇقىرى بىر قىسىم كارخانىلارغا گۆرۈ قەرز پۇلى بېرىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ يېڭى يولى بولۇپ قالدى، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسىدا رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 58مىليارد 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 2.5 ئاشتى، گۆرۈگە قويۇلغان تۈر سانى 3086 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 21.6 ئاشتى.
   تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قىممىتى پەقەت ماركىنى نامايان قىلىشلا ئەمەس. بىر تاۋار ماركىسى قارىماققا ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما تىجارەت، باشقۇرۇش ياخشى بولسا بىر ئالتۇن تاغ بولۇپ، كارخانىغا شان - شەرەپ ۋە گۈزەل نام ئاتا قىلىپلا قالماي، كارخانىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بازار ئېچىشىغا پايدىلىق. كەلگۈسىدە تاۋار ماركىسى ياراتقان قىممەت ۋە پايدىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش