ئەگەر شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا،شىركەت نامىدىكى تاۋار ماركىسى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، تاۋار ماركىسىمۇ كۈچتىن قالىدۇ .

 
  كۆپ قىسىم شىركەت خوجايىنلىرى شىركەتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرگەندە شىركەت نامىدا تىزىملىتىلغان ماركىلارنى بىرتەرەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى شىركەت تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلسىمۇ ، شىركەت نامىدىكى ماركىنى داۋاملىق نۇرمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ، ئەگەر شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا،شىركەت نامىدىكى تاۋار ماركىسى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، تاۋار ماركىسىمۇ كۈچتىن قالىدۇ .
 
تاۋار ماركىسى شەكىلسىز مۈلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى بار، ئۇ داڭلىق تاۋار ماركىسى ياكى مەشھۇر تاۋار ماركىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ تاۋار ماركىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ. شىركەت تېخى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال كارخانىنىڭ نامىدىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق داۋاملىق قوغداپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق تاۋار ماركىسىنى ياخشى باھادا سېتىش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسىنىڭ بىكار تۇرۇپ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلانغىلى ھەم بەلگىلىك تەننەرخنى قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ.

ئەگەر شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، شىركەت نامىدىكى تاۋار ماركىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
  ئەگەر شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا، بۇ شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە بولسىلا، يەنىلا بىر تۈرلۈك قانۇنلۇق مال-مۈلۈك بولىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا داۋاملىق ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، 2002-يىلىدىكى« تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 26-ماددىسىدا، 2014-يىلى« تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 32-ماددىسىدا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈزۈمى بەلگىلەنگەن، يەنى« رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن باشقا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججىتى ياكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
 
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر يولىلا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك ،بىر يولىلا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۆھلەت توشقۇچە تۈزەتمىسە، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى يۆتكەش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئالاقىدارلار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئەگەر شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە كارخانا ئورۇنلىرىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىدا تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ، ئەگەر تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى يېزىلمىغان بولسا، ئەسلىدىكى شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرى شىركەت ھېساباتنى ئېنىقلىغاندا چۈشۈپ قالغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى يۆتكەش ئۈچۈن قايسى ھۆججەتلەر كېرەك؟
 - 1ھاۋالىنامە (ھاۋالە ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ ئەھۋالى ئاستىدا) ؛
-2ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛
-3تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى؛
4- ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ شىركىتىنىڭ سودا-سانائەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى.
-5ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ شىركىتىنىڭ سودا-سانائەت ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرغان ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتى ھۆججىتى
-6ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپنىڭ شىركەت ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ياكى بارلىق پايچىكلارنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتى؛
-7ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپنىڭ بارلىق پايچىكلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
 
ئەگەر راسچوت دوكلاتىدا بارلىق تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولسا، 6-ماددىدىكى قوشۇلۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

 
ھەمبەھىرلەش