ماركا تىزىملىتىش ھەرقانچە تەس بولسىمۇ تىزىملىتىش كېرەك، چۈنكى كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەس

 ھازىر بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس، قانچىلىك تەس؟  26 دانە ماركا ئىلتىماسىدىن پەقەت بىرسىلا تەستىقلاندى...
بازار تېخى ئېچىلماستىلا، تاۋار ماركىسىنى ئالدىن ئويلىشىپ بولغان بەيدۇنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا سىن مەھسۇلاتى« چۈشەندىم»(懂啦)  پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قامۇسى، ئەدەبىي شېئىر، ئىلھام ۋە زىھنىنى ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بالىلارنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ . 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، بەيدۇ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە
« چۈشەندىم(懂啦)»  نىڭ26 دانە تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم  13 تۈرگە ئىلتىماس قىلىنغان، نەتىجىدە تراگېدىيە يۈز بىرىپ پەقەت بىرلا تۈر ، يەنى 35- تۈرلا تەستىقتىن ئۆتتى
 
زادى نېمە سەۋەبتىن 26 دانە تاۋار ماركىسىدىن پەقەت بىر تاللا تەستىقلىنىدۇ؟ تاۋار ماركىسى ئىسمى"چۈشەندىم" (懂啦)ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولسىمۇ، لېكىن بەلگىلەنگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىش جەھەتتە تېگىشلىك روشەن ئالاھىدىلىكى كەمچىل.
شۇنداق، ھازىر بىر تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەقىقەتەن بەك تەس. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ قېنى، بىز بىر گۇرۇپپا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى:
 
2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى سانى 7 مىليون 580 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئالدۇرۇش سانى ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 2 مىليون 354 مىڭ دانە.
بىز دائىم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەس دەيمىز، بۇنداق تەس بولۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان. تەس، لېكىن ھەرقانچە تەس بولسىمۇ تىزىملىتىش كېرەك، چۈنكى كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەس. شۇڭا كەسپىي ۋاكالەتچى تېپىپ خەتەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
 
كۆپچىلىك تاۋار ماركىسىنىڭ شەكىلسىز مۈلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ قايتا ھاسىل بولمايدىغان خۇسۇسىيىتى،شۇنداقلا  كۆپ مىقداردىكى ئىلتىماس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى ئاز ئۇچرايدىغان بايلىق بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەلگۈسىدە تاۋار ماركىسىغا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا ھازىر رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى كەلگۈسىدە چوقۇمكى ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدۇ.

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

 
ھەمبەھىرلەش