ۋاسكىتبول چولپىنى جوردان شىكايەت قىلغان جۇڭگو چىياۋدەن ماركىسى ھوقۇققا دەخلى قىلىش دىلوسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى

بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ، ئەڭ ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا AIR JORDAN ماركىسىنىڭ جۇڭگو چىياۋدەن تەنتەربىيە شىركىتى ئۈستىدىن قىلغان ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئەرزىنىڭ نەتىجىسى چىقتى. ئاخىرىدا ، سوت ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق جۇڭگو چىياۋدەننىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى . خەنزۇچە «چىيادۋەن»乔丹 ماركىسى ۋە بەلگىسى بىكار قىلىندى . 
ئىگەللىنىشىچە ، ئامېرىكا ۋاسكىتبول چولپىنى جوردان جۇڭگو چىياۋدەن تەنتەربىيە شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئۆز نامىدىكى ماركىنى خالىغانچە ئىشلەتكەنلىكى توغرىلىق شىكايەت قىلىشنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا جۇڭگو چىياۋدەن ماركىسى مەغلۇپ بولۇپ بىكار قىلىندى.


شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 
ھەمبەھىرلەش