دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى - ماركا ئىگىلىرى چوقۇم كۆرۈڭ.

قەغەز نۇسقىسىدىكى « ماركا ئۇقتۇرۇشى» نى پوچتىدىن يوللاپ ، تاپشۇرۇپ ئالغاندا ھەق تۆلىتىش ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش

  يېقىندا بىرقىسىم ماركا ئىگىلىرى ئىدارىمىزغا ئىنكاس قىلىپ، بەزىلەرنىڭ ماركا ئىگىلىرىگە قەغەز نۇسقىسىدىكى "ماركا ئۇقتۇرۇشى " نى يوللاش ئارقىلىق ، ئوخشاش بولمىغان قىممەتتىكى يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ھەق تۆلەش شەكلىدە ماركا ئىگىلىرىدىن پۇل ئالغانلىقىنى ئېيىتقان . ماركا ئىگىلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ، شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ، ئىدارىمىز 2016- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ، ماركا ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئېلېكترون نۇسقىسىنى ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، سىرتقا قارىتا ھېچقانداق قەغەز نۇسقىسىدىكى ماركا ئۇقتۇرۇشىنى يوللىمايدۇ، ئىدارىمىز ماركا ئىگىلىرىگە يوللىغان ئورگان تەرەپ ماتىرىيال ھۆججەتلىرىدىن ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ. كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلانغايسىزلەر!

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى 

2020-يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى 
شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

 
ھەمبەھىرلەش