تاياقسىمان كود ھەققىدە مۇھىم ساۋاتلار

1-تاۋار تاياقسىمان كودى دىگەن نىمە؟
  تاۋار تاياقسىمان كودى تاۋارنىڭ «كىملىكى» بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيادا ئوبوروت قىلىنىدىغان «يول خېتى» دۇر.ئۇ تاۋارلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈندىدار، جىفۇباۋ ياكى باشقا سىكاننېرلاش دىتاللىرى ۋە ئەسۋابلىرى ئارقىلىق  سىكاننېرلاپ ئوقۇيالايدۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى تاۋار ۋە تاۋار ئۇچۇرلىرىنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر يەتكۈزەلەيدۇ.
仓库经理
  دائىم ئۇچرايدىغان تاياقسىمان كود بىر گۇرۇپپا قائىدە بويىچە تىزىلغان تىك سىزىق، بوش بەلگە ۋە ئۇنىڭغا ماس بولغان 13 خانىلىق رەقەملىك كودلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تاۋار تاياقسىمان كود نومۇرىنىڭ ئالدى قوشۇمچە كودى 690دىن 699غىچە بولغان ئۈچ خانىلىق ساندىن تەركىب تاپىدۇ .
 

2-تاياقسىمان كودىنىڭ قانداق رولى بار؟
 تاۋار تاياقسىمان كودى سىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ سودا ساراي، تاللا بازىرى، قولايلىق دۇكان ۋە چوڭ تىپتىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
 تاۋار تاياقسىمان كودى سودىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تاۋارلارنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى، تاۋارلارنىڭ سودا ساراي، تاللا بازار، قولايلىق دۇكانلارغا كىرىشى، شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ مەيدانغا كىرىش بېلىتى ۋە زۆرۈر شەرتى.
سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېز سۈرئەتتە بازارغا سېلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
3- تاياقسىمان كودى بولمىسىمۇ بولامدۇ؟
  تاياقسىمان كود ھازىرغا قەدەر ئەڭ تېجەشلىك، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش تېخنىكىسى بولۇپ، مەشغۇلاتى ئاددىي، ئۇچۇر توپلاش سۈرئىتى تېز، ئۇچۇر توپلاش مىقدارى زور، ئىشەنچلىك، سېلىنما تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە؛تاياقسىمان كودى دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان سودا تىلى بولۇپ، دۇنيادىكى 150 نەچچە دۆلەت، نەچچە مىليون كارخانا ئىشلىتىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، قوللىنىش ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش قاتارلىق پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرى بەلگىسىنى قاپلىدى. خەلقئارا سودىدا، ئەگەر تاياقسىمان كود بولمىسا، ئادەتتە مۇنتىزىم سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرىغا كىرەلمەيدۇ؛ ئەگەر شىركىتىڭىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى سودا ساراي ياكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلسا، چوقۇم تىك سىزىقلىق نومۇر بولۇشى كېرەك.
4- تاياقسىمان كودىنى قانداق كودلاش كېرەك؟
  ئادەتتە پارچە سېتىلىدىغان تاۋار تاياقسىمان كودى« زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى + تاۋار تۈرى كودى + تەكشۈرۈش كودى» قاتارلىق 13 خانىلىق ساندىن تەركىب تاپىدۇ. خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى 7-10 خانىلىق رەقەملەردىن تەركىب تاپىدۇ، جۇڭگو ماددىي بۇيۇم كود مەركىزى ئىلتىماس قىلغۇچى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارغا بىر تۇتاش تەقسىم قىلىدۇ؛ تاۋار تۈرىنىڭ كودى 2-5 خانىلىق رەقەملەردىن تەركىب تاپىدۇ، زاۋۇت تاۋار سىزىقلىق كودى قائىدىسى بويىچە ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش كودى 1 خانىلىق رەقەمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇ پۈتكۈل كودلارنىڭ توغرا خاتالىقلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

5- ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەكمۇ؟
  كارخانىلار تاۋار تاياقسىمان كودىنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، تاۋار تاياقسىمان كودى نومۇرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جۇڭگو تاۋار ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق جۇڭگو مەھسۇلات كود مەركىزىگە يوللاپ، بازار تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ. ھەمدە يەر شارى بويىچە ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈش، يەر شارى بويىچە تاۋار سانلىق مەلۇماتىنى ماس قەدەملەشتۈرۈش، مەھسۇلات سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تەرتىپى: ئالدى بىلەن تۇرۇشلۇق جايدىكى كود تۈزۈش شۆبە ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كود كارتىسىنى ئالىدۇ؛ ئاندىن كود كارتىسى ئەسكەرتمىسى بويىچە ھېسابات نومۇرىغا چىقىپ، جۇڭگو تاۋار ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرىپ مەھسۇلات كود ئۇچۇرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 
ھەمبەھىرلەش