تاۋار ماركىسى تەشۋىقاتى گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ« قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى

تاۋار ماركىسى تەشۋىقاتى گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ« قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى
  »دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساس قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش» ئۈچۈن، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ 2020 ـ يىللىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى 143 مىڭ ئادەم( قېتىم )گە سىياسەت پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش قىيىن نۇقتا بىلىملىرىنى سۆزلەپ، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ« قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز ئالدىغا داڭلىق ماركا يارىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.
 باش شۇجى شى جىنپىڭ 24-ئاۋغۇست جۇڭنەنخەيدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: « دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن گىرىم بۇيۇملىرى بازىرى ۋە 2 ـ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمال دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە گىرىم بۇيۇملىرى تاۋار ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي تېزلىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ«قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى كۈچەش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2020-يىلى 6-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى تاۋار ماركىسىنى ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 857 مىڭغا يېتىپ، ئېلىمىز تاۋار ماركىسىنى ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئالدۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ% 3ىنى ئىگىلىگەن.


تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى ھازىر سەككىز ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولۇپ، 2016-يىلىدىكى 13 ئايدىن 14 ئايغىچە بولغان مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەش ئاي ھەقىقىي قىسقاردى. بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت يېرىم ئاي ئىچىدە قىسقىرايدۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، كورېيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ ھەمدە ئوخشاش تۈزۈم ئاستىدىكى خەلقئارادىكى ئەڭ تېز سەۋىيەگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ئوتتۇرىچە مۇددىتى يەنە تۆت ئاي ئىچىدە قىسقىرايدۇ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋاقتىمۇ ماس قەدەمدە قىسقىرايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش دەۋرىيلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇش بازار سۇبيېكتىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى بېكىتىش مۇۋاپىق پىسخىكىلىق كۆزلىمىسىنى ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىپ، بازارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ھەقىقىي تۈردە مەھسۇلات بازىرى رىقابىتىدىكى ئۆتكۈر قورالغا ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

پەرداز بۇيۇملىرى ساھەسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش تارمىقى، باشقىچە پىكىر تارمىقى، خەلقئارا رويخەتكە ئېلىش تارماقلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتۈپ، ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

2-باشقارمىنىڭ 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۇڭ لىڭلىڭ نۇرغۇن دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى خاتا قاراشنى ئانالىز قىلىپ، تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى يېشىپ بەردى ھەم گىرىم بۇيۇملىرى كەسپى تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى نۇقتىلىق ئەسكەرتتى.

تەكشۈرۈش 4-باشقارما باشلىقى فۇ يۇڭجۈن گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يۆتكەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش، بىكار قىلىشنى ئۈچ يىل ئىشلەتمەسلىك ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تاۋار ماركىسى قاتارلىق كەسىپ تەرتىپىنى تونۇشتۇردى ھەم گىرىم بۇيۇملىرى كارخانىلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ماركىسىنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

باشقىچە پىكىر 1-باشقارما 2-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋۇ كەي نۇرغۇن ئەمەلىي دېلو مىسالى ئارقىلىق، باشقىچە پىكىر تەرتىپىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى تاۋار ماركىسىنى قوغدىشىنى تونۇشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ باشقىچە پىكىر تەرتىپىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

خەلقئارا رويخەتكە ئالدۇرۇش 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋېنشۆ جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسى بىلەن خەلقئارا گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە مادرىد تاۋار ماركىسىنى خەلقئاراغا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا دائىر ئاساسىي بىلىملەر ۋە ئىلتىماس تەرتىپىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، چەت ئەل بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەۋاتقان جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى كارخانىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
 بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو مۇئەتتەر گىرىم بۇيۇملىرى سانائىتى جەمئىيىتى، جۇڭگو يەككە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى، شاڭخەي شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، شاڭخەي داڭلىق ماركا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ تاۋار ماركىسى جەمئىيىتى، شاڭخەي شەھىرى فېڭشيەن رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) ، شاڭخەي دۇڭفاڭ مېيگۇ، گۇاڭدۇڭ رىخۇا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، بەيدۇ  بىۋاستە كۆرسىتىشى  قوللىدى.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش