بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتەيلى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى ۋە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ دەۋر مەزمۇنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەتكە بولغان تونۇشىمىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، پىلان تۈزۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، « < 13-بەش يىل> دىكى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىش پىلانى» نى تۈزۈش، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش... ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرى مىسلىسىز زور تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى، كەشپىيات پاتېنتى ۋە تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىرى، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ۋەكىل قىلغان يادرولۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تىرىشىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كىرگۈزگەن چوڭ دۆلەتتىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ياراتقان چوڭ دۆلەتكە ئۆزگەرمەكتە.
يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق. ھازىر بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئامىلى ۋە ئاچقۇچلۇق تىرىكى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسى ئالاقىدار تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن ھەل قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا تېگىشلىك موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نىشان، ۋەزىپە، تەدبىر ۋە يولغا قويۇش پىلانىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يارىتىش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە قاتارلىق بىر قاتار قانۇن تەرتىپلىرى ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداش خىزمەت يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يارىتىش بىلەن ئەۋزەل مۇھىتنى قوغداش، دۇنيانىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

بۈگۈنكى دەۋردە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش سانى ۋە سۈپىتى بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنى تېزدىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

 
مەنبەسى: بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى

https://www.toutiao.com/i6901262896362390029/?tt_from=weixin_moments&utm_campaign=client_share&wxshare_count=1×tamp=1606902930&app=news_article&utm_source=weixin_moments&utm_medium=toutiao_ios&use_new_style=1&req_id=202012021755300100260770830906F468&group_id=6901262896362390029

شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
ھەمبەھىرلەش