دىققەت:ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى ماركىنىڭ تەستىقلانغانلىق ئىسپاتى ئەمەس


ھەرقانداق ماركا ئىلتىماسى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يوللانغاندىن كىيىن، تەخمىنەن 20-30 كۈن ئىچىدە دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن «ماركا رويخەتكە تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى» كىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچەملىك تاپشۇرۇلغانلىقىنى ۋە دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ماركىنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ، كىيىنكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر ماركا رويخەت ئىلتىماسىدا مەسىلە بولۇپ(كىنىشكىلار ئۇچۇق ئەمەس، ئىمزا قۇيۇلمىغان ياكى ئۆلچەمسىز، ۋاكالەتچىلىك خېتىدىكى ئۇچۇرلار تولۇق، توغرا بولمىغان ئەھۋاللار) ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلماي قايتۇرۇلسىمۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن « ماركا رويخەتكە تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى» كىلىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەلەپ بويىچە توغرىلاپ قايتا يوللىساقلا بولىدۇ،بۇنىڭغا باشقا ھەق ئالمايدۇ.

دىمەك، ئۆلچەم بويىچە توغرا يوللانغان ھەرقانداق ماركا رويخەت ئىلتىماسىغا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كىلىدۇ. لىكىن، بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، «ماركا رويخەتكە تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى» نى ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقى دەپ چۈشەندۈرۈپ كىيىنكى مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ، ياكى ئېلان سۆزلىرىدە « ئەگەر دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلمىسە بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز» دىگەندەك ساختا تەشۋىقاتلارنى ئىشلىتىپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىملىق ئېلان سۆزلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەي، ئەستايىدىل چۈشۈنۈپ قارار چىقىرىڭ. « بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا» دىگەن تەمسىلنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ئىلتىماس قىلىشقا تىگىشلىك ھەق ئالىدۇ، ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئىلتىماس قىلسىمۇ ئوخشاش ھەق تاپشۇرىدۇ.ئەگەر ماركا تەستىقلانماي قايتۇرۇلسا دۆلەت ماركا ئىدارىسى بىرپۇڭ قايتۇرمايدۇ، ياكى ماركىنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆزگەرتىپ قايتا يوللاشقىمۇ پۇرسەت بەرمەيدۇ، قايتا يوللىسىڭىز ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك ھەق تاپشۇرىسىز. شۇڭا ھېچكىم زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلمايدۇ.
ئىسىڭىزدە بولسۇن، ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرى ئارقىلىق ماركا ئىلتىماس قىلسىڭىز كىيىنكى باسقۇچلاردا دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن كىلىدىغان بارلىق ئۇقتۇرۇش، كىنىشكىلار شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىنى توغرا تاللاڭ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش