رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى نىمە ئۈچۈن كۆپ پۇلغا يارايدۇ؟

شىركىتىمىز تور بېكىتىدىكى سېتىلىدىغان ماركىلار سەھىپىسىگە قارىسىڭىز ماركا ئىگىلىرى شىركىتىمىزگە سېتىشنى ھاۋالە قىلغان نەچچە يۈز تاۋار ماركىسى ئۇچۇرىنى كۆرىسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ئېلىنىپ كىنىشكىسى چىقىپ بولغان ماركىلار بولۇپ، باھاسى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگىچە. ئەلۋەتتە، بۇ باھانى ماركا ئىگىسى ئۆزلىرى بىكىتكەن. لىكىن، ئۆز ۋاقتىدا بىرەرمىڭ يۈەن خەجلەپ رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىنى نىمە ئۈچۈن كىنىشكىسى چىققاندىن كىيىن بۇنچە يوقۇرى باھادا ساتماقچى بولىدۇ؟
1- تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغاندىن كىيىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى تەرىپىدىن قوغداشقا ئېرىشىدۇ. دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش قىلمىشىغا قارىتا تىگىشلىك جازا بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.بۇ يەردىكى جازا مەمۇرى جازا بولۇپ قالماستىن، جىنايى ئىشلار جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىمەك، دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ.
2-يېڭىدىن ماركا رويخەت ئىلتىماسى يوللىغاندا تەستىقلىنىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن(ئۇيغۇرچە ماركىلارغا بىرەر يىل ۋاقىت كىتىدۇ.)، شۇنداقلا تەستىقلانماسلىق خەتىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسمىي تەستىقلانمىغان ماركىنى تىجارەتتە ئەمەلىي قوللانساق،بىرەر يىلدىن كىيىن تەستىقلانمىسا ماركىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. دىمەك، ماركا ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىرمۇنچە ئىقتىسات ۋە زىھنىمىز بىكار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىددى ماركىغا ئىھتىياجلىقلارغا نىسبەتەن ماركىنى سېتىۋېلىش، رويخەتكە ئىلتىماس قىلغانغا  قارىغاندا تېز ھەم بىخەتەر بولىدۇ.
3-مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ماس بولغان ماركىنى توغرا تاللاپ ئىشلەتكەندە ،مەيلى ئېلان تەشۋىقاتلاردا بولسۇن، خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىش ۋە ئىناۋەتنى ئاشۇرۇشتا بولسۇن بۇ ماركىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ. لىكىن، سىز تاللىغان بۇ ماركىنى باشقىلار سىزدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ بولغان بولسا، يوقۇرى باھادا سېتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ ۋە ئەرزىيدۇ( ئەگەر ماركا ئىگىسى ساتمىسا قىممەت باھامۇ ئەسقاتمايدۇ.)
4-رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بىرمەزگىل سودا-تىجارەتتە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن بولسا،ئەتراپتىكى خېرىدارلارغا مەلۇم دەرىجىدە تۇنۇتۇش ئۈچۈن ماركا ئىگىسى ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر قىلىدۇ. دىمەك، سىز تەييار ماركىنى سېتىۋالسىڭىز، ماركا ئىگىسىنىڭ بۇ ئەجرىگىمۇ تىگىشلىك ھەق تۆلىشىڭىز كىرەك.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.


ھەمبەھىرلەش