« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» نى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە:

« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» نى تارقاتتۇق، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىڭلارنى ۋە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى

1-ماددا بۇ چارە يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» ، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك كىچىك كارخانىسى، كىچىك يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى ۋە يېمەكلىك يايمىچىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« باشقۇرۇش نىزامى» دېيىلىدۇ) قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكانلار قانۇن بويىچە يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.

3-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرى، كىچىك يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى، ئۇششاق يېمەكلىك دۇكانلىرى ۋە يېمەكلىك يايمىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەم تۆۋەندىكى بارلىق كونكرېت بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: (1) كەسىپكارلىرى بەش كىشى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سورۇنىنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇش.

4-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

5-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاشتا قانۇنلۇق بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، ئادىل بولۇش، خەلققە قولايلىق بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

6-ماددا دۆلەتنىڭ« بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» تەلىپى بويىچە، يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاشقا قولايلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بۇ چارىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىدە« بىر ئائىلىدە بىر كىنىشكا بولۇش» پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، يەنى يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش ئورنىدا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.

8-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ ئىلتىماس قىلغان يېمەكلىك« باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 26-ماددىسىدا مەنئى قىلىنغان مەھسۇلات تۈرى بولماسلىقى كېرەك.

9-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرى« باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

10-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، « باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 21-ماددىسى بويىچە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك.

11-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ماتېرىيال تولۇق، مۇكەممەل بولۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىل ۋە تولدۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئىلتىماس ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

12-ماددا ئىلتىماس ماتېرىيالى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، تىزىملاش ئىلتىماسىنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلىشى ھەمدە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس ماتېرىيالى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك بارلىق مەزمۇنلارنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. قوبۇل قىلمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

13-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن بولسا، تىزىملىغۇچى ئورگان بېجىرىش تەرتىپىنى توختىتىشى كېرەك، توختىتىش ۋاقتى يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى

14-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتە ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

15-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش ئورگىنى تىزىملاش سورۇنىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك:

(1) تىزىملاش ئاساسى؛

(2) تىزىملاش شەرتى، تەرتىپى، مۆھلىتى؛

(3) تىزىملىتىش ئىلتىماسىغا كېرەكلىك ماتېرىيال مۇندەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئۈلگە نۇسخىسى؛

(4) قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسى، مەسلىھەت سوراش، ئەرز-شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى؛

(5) قانۇن-نىزاملاردا ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

16-ماددا گۇۋاھنامە بەرگۈچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

17-ماددا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان تەشكىللەيدۇ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىككىدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىمى ياكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تەكشۈرگۈچىدىن تەركىب تاپىدۇ، گۇرۇپپا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەلگىلىمە بويىچە، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش جەدۋىلى بويىچە، يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى ياخشى يېزىشى كېرەك.

18-ماددا گۇۋاھنامە تارقاتقۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 10 ئىش كۈنى ئىچىدە تىزىملاش-تىزىملىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

19-ماددا كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداننى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، شەرتكە توشىدىغانلارغا تىزىملاشنى تەستىقلاش قارارى چىقىرىشى ھەمدە قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىشى، شەرتكە توشمايدىغانلارغا تىزىملىماسلىق ھەققىدە ۋاقتىدا يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

20-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى رەسمىي نۇسخا، قوشۇمچە نۇسخا دەپ ئايرىلىدۇ، رەسمىي نۇسخا، قوشۇمچە نۇسخا ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ۋە ئالاقىدار ھۆججەت-ئالاقە نۇسخىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بېسىش، تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

21-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىگە يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنىڭ نامى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى (كىملىك نومۇرى) ، تىجارەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئادرېسى، يېمەكلىك تۈرى دائىرىسى (ئوراش-قاچىلاش شەكلى) ، ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق، ئىجازەتنامە تارقاتقان ۋاقىت، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

22-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش نومۇرى XJSPXZF (« شىنجاڭ يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرى» نىڭ خەنزۇچە پىنيىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى) ۋە توققۇز خانىلىق ئەرەب رەقىمىدىن تەركىب تاپىدۇ. سان سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە: ئىككى خانىلىق شەھەر كودى، ئىككى خانىلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) كودى، بەش خانىلىق تەرتىپ كودى. ناھىيە ۋە ناھىيىدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ ۋاكالەت نومۇرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

23-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى يالغاندىن ياساشقا، ئۆزگەرتىشكە، ھايىنىغا سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، ئارىيەت بېرىشكە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

24-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تىزىملاش كىنىشكىسى، يېمەكلىك كەسىپكارلىرىنىڭ ساغلاملىق كىنىشكىسى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسىنى قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

25-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنىڭ گۇۋاھنامە تىزىملاش ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولۇپ 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە ئۆزگىرىش بولغان، يېمەكلىك ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولغان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى (ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى) دە زور ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋالدا، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك.

26-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى؛

(2) يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى؛

(3) ئۆزگەرتىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللار.

27-ماددا ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىش قارار قىلىنغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يېڭى يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىشى كېرەك. تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ، گۇۋاھنامە تارقاتقان ۋاقىت تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىم ئۆزگەرتىش قارارى چىقارغان ۋاقىت بولىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئەسلىدىكى گۇۋاھنامە بىلەن بىردەك بولىدۇ.

28-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىدىن تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلىرى تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن 30 كۈن بۇرۇن، ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

29-ماددا يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) داۋاملاشتۇرۇش ئىلتىماسى؛

(2) يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى؛

(3) تىزىملاش، داۋاملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقا ماتېرىياللار.

30-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، دەپ بايانات ئېلان قىلسا ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىناۋەت دەرىجىسى لەۋزىدە تۇرغانلار، ئاساسىي لەۋزىدە تۇرغانلار نەق مەيداندا قايتا تەكشۈرمىسىمۇ بولىدۇ يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولدى، دەپ قارىسا ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش كېرەك دەپ قارىسا، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى كېرەك.

31-ماددا ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىش قارار قىلىنغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يېڭى يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىلىدۇ، يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۇزارتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

32-ماددا يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى يىتىپ كەتسە، بۇزۇلۇپ كەتسە، تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك:

(1) ئىلتىماسنى تولۇقلاپ بېجىرىش؛

(2) تىزىملاش كىنىشكىسى يوقاپ كەتكەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان چىقىرىلغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ تىزىملاش كىنىشكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا، بۇزۇلغان تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ماتېرىيال تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك. تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ، گۇۋاھنامە تارقاتقان ۋاقتى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئەسلىدىكى گۇۋاھنامە بىلەن بىردەك بولىدۇ.

33-ماددا ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان تىزىمغا ئالدۇرۇپ بىر ئاي ئىچىدە يېمەكلىك دۇكانلىرىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

34-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن يېمەكلىك كىچىك دۇكانلىرى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سورۇنى بولغان، كەسىپكارلىرى ئاز، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كۆلىمى كىچىك، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە ھۈنەر-سەنئىتى ئاددىي، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان (يېمەكلىك نەق مەيداندا سېتىش تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
35-ماددا ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېمەكلىك دۇكانلىرىنى كونكرېت بېكىتىش ئۆلچىمىنى تەپسىلىيلەشتۈرسە بولىدۇ.

36-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.


 
ھەمبەھىرلەش