دۇكان ئاچقاندا چوقۇم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەكمۇ؟ !

 نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە مەجبۇرىي رويخەتكە ئالدۇرۇلىدىغان تاۋار ماركىسىنىڭ دائىرىسى ئاساسلىقى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئادەم ئىشلىتىدىغان دورا، يەنە بىرى تاماكا بۇيۇملىرى. بۇ ئىككى خىل تاۋار ماركىسىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ، ئەمما باشقا ساھەلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەجبۇرىي رويخەتكە ئالدۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە يوق. 
 رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. 
ئالدى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ رولى ۋە مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ باقايلى:
1-ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار، مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. 
2-تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بار بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 
3-تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىلا، كارخانىنىڭ ماركا ئوبرازى يارىتىشىغا ياخشى ئاساس سېلىپ، بازارنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. 
4-تاۋار ماركىسى بىر خىل شەكىلسىز مۈلۈك، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن قىممىتى بولىدۇ، كارخانىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تىجارەت قىلىشى ئارقىلىق قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ .
5-تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش، رەنىگە قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاۋار ماركىسى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
6-تاۋار ماركىسى سۈپەت تەكشۈرۈش، سەھىيە تەكشۈرۈش، تاياقچە كود كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. 
7-يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىدۇ. 
  مىسال ئالساق، مامۇتچان « ياخشى جاي» ناملىق تېز تاماقخانا ئاچتى ساتتى، لېكىن ئۇ« ياخشى جاي» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرمىدى. مامۇتچاننىڭ سودىسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، داۋۇتچان باشقا بىر كوچىدا« ياخشى جاي» نامىدا تېز تاماقخانا ئاچتى. ئىستېمالچىلار قايسىسىنىڭ ھەقىقىي« ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالمىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەسلى تامىقىنىڭ تەمى ياخشى، خېرىدارى كۆپ بولىۋاتقان مامۇتچاننىڭ «ياخشى جاي» ناملىق تېز تاماقخانىسى يەنە بىر كوچىغا ئېچىلغان داۋۇتچاننىڭ تامىقىنىڭ تازا تەمى يوق « ياخشى جاي» ناملىق تېز تاماقخانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىدى، يەنى، كىشىلەرنىڭ « ياخشى جاي» ناملىق ئاشخانىنىڭ تامىقىغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ، مامۇتچاننىڭ تېز تاماقخانىسىنىڭمۇ تەمى ياخشى ئەمەس دىگەن گەپلەر تارقىلىشقا باشلىدى. مامۇتچان بۇنىڭغا چىدىماي داۋۇتچانغا تېز تاماقخانىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋىتىشنى تەلەپ قىلماقچى بولدى، لىكىن قولىدا ئۇنى توختاتقۇدەك قانۇنى ئاساسى يوق.
ئەگەر مامۇتچان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ بولغان بولسا، ئۇنداقتا داۋۇتچاننىڭ قىلمىشى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ، مامۇتچان داۋۇتچاننى ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختىتىشنى ھەمدە مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
 يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىساللار رېئال تۇرمۇشتا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بىزگە تونۇشلۇق بولغان چاي ئەڭ دەسلەپتە« خان چېيى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تاۋار ماركىسى تېخى رويخەتكە ئېلىنمىغان بولغاچقا، ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن، ئاخىرىدا ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ھازىرقى« خۇشاللىق چېيى» ماركىسىنى سېتىۋالغان. 
ئۇنىڭدىن باشقا، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنىشتىن باشقا، يەنە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 30 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، بۇنداق زور سانلىق مەلۇماتتا، سىز ئىشلىتىۋاتقان تاۋار ماركىسى باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. دىمەك، ئاسانلا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 
 ئومۇملاشتۇرغاندا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، تاۋار ماركىسىنى تىجارەت پائالىيىتىدە ئىشلىتىش تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ، بازارنى ئىگىلەپ، ماركا يارىتىشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىمۇ بىر خىل شەكىلسىز مۈلۈك بولۇپ، كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىجازەت بېرىش ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا بەلگىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ بالدۇرراق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش