كەلدى- يەنە بىر نەشىر ھوقۇقىغا قارىتا باشقىچە پىكىر بېرىلگەن تاۋار ماركىسى مىسالى

نەشر ھوقۇقى ئاپتورلۇق ھوقۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ قوغداش ئوبيېكتى ئەسەر بولۇپ، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇستەقىل ئىجادچانلىققا ئىگە ھەمدە مەلۇم شەكىللىك ھالەتتە تارقىتىلىدىغان ئەقىل -پاراسەت مىۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
نەشىر ھوقۇقى تاۋار ماركىسى ھوقوقىنى بېكىتىش دېلولىرىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ماجىراسىغا كەلسەك، ئۇنىڭ دەسلەپكى ھوقۇق تەۋەلىكى مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن« ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى» دىن ئىبارەت بۇ شەرتنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نەشر ھوقۇقى بولسا دەسلەپكى ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ ئىسپات ھۆججىتى. 
41228815-نومۇرلۇق ‹ ‹ شەكىل › › تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى 
(2021) تاۋار ماركىسى باشقىچە پىكىر 0000118062-نومۇرلۇق. 
 
باشقىچە پىكىر بەرگۈچى: * ئاپتوموبىل شىركىتى 
باشقىچە پىكىردە بولغانلار: (شېنجېن) سەپەرگە چىقىش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 
باشقىچە پىكىر بەرگۈچى* ئاپتوموبىل شىركىتى باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى* (شېنجېن) سەپەرگە چىقىش پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىدارىمىز دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ھەمدە 1697-سان« تاۋار ماركىسى ئېلانى» دىكى 41228815-نومۇرلۇق« شەكىل» تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىدارىمىز« تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قوبۇل قىلدى. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە جاۋاب بەردى.دەۋالاشقۇچىلار بايان قىلغان سەۋەب ۋە پاكىتقا ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىدارىمىز مۇنداق دەپ قارىدى: 
باشقىچە پىكىر تاۋار ماركىسى« شەكىل» 9-تۈردىكى« توك ۋىكليۇچاتېلى، توك مەنبەسى روزېتكىسى، توك سىملىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى ماددا» قاتارلىق تاۋارلارغا ئىشلىتىلىدۇ. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ئاۋۋال تىزىمغا ئالدۇرغان 28739918-نومۇرلۇق« LINCOLNCO-PILOT360» تاۋار ماركىسى قاتارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئىشلىتىلگەن تاۋارلار 9-تۈردىكى« سېنزور؛ رادار ئۈسكۈنىلىرى؛ ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق كونترول بۆلىكى» قاتارلىقلار. باشقىچە پىكىر تاۋار ماركىسىدا بېكىتىلگەن تاۋار ئىشلىتىش بىلەن باشقىچە پىكىر بەرگۈچى نەقىل كەلتۈرگەن تاۋار ماركىسىنىڭ بېكىتىپ ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنى، سېتىش يولى، ئىستېمال ئوبيېكتى ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا تەۋە بولىدۇ. لېكىن، ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسى قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن سىرتقى كۆرۈنۈشى روشەن پەرقلىنىدۇ، شۇڭا، ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. باشقىچە پىكىردىكىلەر نەقىل كەلتۈرۈپ ئاۋۋال تىزىمغا ئالدۇرغان 18947477-نومۇرلۇق، 13425102-نومۇرلۇق، 15469066-نومۇرلۇق، 12523292-نومۇرلۇق« شەكىل» ، 705518-نومۇرلۇق« LINCOLN» ، 834545-نومۇرلۇق« لىنكولىن» تاۋار ماركىسى قاتارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن تاۋارلارغا 9-تۈردىكى« قۇياش ئەينىكى؛ توشۇش قورالى بولغان بالون تۆۋەن بېسىملىق ئاپتوماتىك كۆرسەتكۈچى؛ ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسى بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، سېتىش ئوبيېكتى قاتارلىقلاردا مۇئەييەن پەرق بولۇپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا تەۋە بولمايدۇ. شۇڭا، ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. 
باشقىچە پىكىردىكىلەر باشقىچە پىكىردە بولغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇنىڭ ئاۋۋال ئىشلەتكەن« لىنكولىن يۇلتۇزى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى بۇ دېلودا تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى، باشقىچە پىكىر قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، باشقىچە پىكىر بەرگۈچى«لىنكولىن يۇلتۇزى» گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنى سودا بەلگىسى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىلىشى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ بەلگىلىك داڭقى بار. ئۇنىڭ« لىنكولىن يۇلتۇزى» گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ئۆزگىچە لايىھەگە ئىگە بولۇپ، باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. باشقىچە پىكىر تاۋار ماركىسى ۋە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ئاۋۋال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئەسەرنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈش ئامىلى، كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىكى پەرقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ماھىيەتلىك تەقرىبىيلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىچە پىكىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ئاۋۋال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى بۇ دېلودا 15469066-نومۇرلۇق، 12523292-نومۇرلۇق، 834545-نومۇرلۇق، 705518-نومۇرلۇق تاۋار ماركىسىنى مەشھۇر تاۋار ماركىسى قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىسا، ئىدارىمىز قوللىمايدۇ. باشقىچە پىكىردىكىلەر باشقىچە پىكىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ئاسانلا ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىسا، پاكىت ئاساسى كەمچىل بولسا، ئىدارىمىز قوللىمايدۇ. 
  « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 32-، 35-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىدارىمىز 41228815-نومۇرلۇق« شەكىل» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلدى. (2) « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 
 
2021-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 

نەشىر ھوقۇقى تىزىملاتقاندا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ مۇكەممەللىكىگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تاۋار ماركىسى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. 
شۇڭا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا نەشىر ھوقۇقىنى ئىمكانقەدەر تىزىملاپ قوغداش كېرەك، بۇنداق قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىسى بار: 
(1) ئىناۋىتى كۈچلۈك،  نەشر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، يوشۇرۇن ماجىرالارنى ھەل قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق ماجىرالىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. 
(2) ئۈنۈملۈك رەددىيە بېرىش ۋە باشقىلارنىڭ يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاشقى پاتېنتىنى بىكار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ 
(3) نەشر ھوقۇقى ماجىراسى ۋە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش ماجىراسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى؛ 
(4) نەشر ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ قانۇن ئىسپاتى قىلىنىدۇ؛ 
(5) تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەپ، نەشر ھوقۇقى باشقىچە پىكىر ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛
(6) تاۋار ماركىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسلىرىغا رەددىيە بىرىپ،نەشىر ھوقۇقىنى ئۆمۈرلۈك قوغدايدۇ؛
(7) ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش، تاۋار ماركىسىنىڭ باشقا تۈرلىرىگە رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ ماركا قىممىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ؛

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش