تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كۇرسى ئاچتى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دۇ خۇڭيۈ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ ۋېنۋېي تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم گۇاڭشىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، رايون سۈپەتلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچى ۋە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ جەمئىي 89 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. 
دۇ خۇڭيۈ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رايون داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ رايون ئالاھىدە كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، رايون ئومۇمىي تاشقى ئوبرازىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) » دا« كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسى تۈزۈمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، بازاردا ئىناۋىتى ياخشى كەسىپلەر توپى ماركىسى ۋە رايون ماركىسى يارىتىش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۇ خۇڭيۈ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رايون كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، رايون كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللارغا نەزەر سالساق، يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىپ يېتەكلىشىدىن، يەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پائال نەتىجە يارىتىشىدىن، رايون كۇرسلۇق ماركا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئۆلچەملىك باشقۇرۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كۇرسانتلارنىڭ رايون داڭلىق ماركا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن« بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزىسى( 2021 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە )» نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، گۇاڭشىنىڭ تاۋار ماركىسى سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ساندىن سۈپەتكە ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. 
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئىستراتېگىيەلىك پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى« بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) » نى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن شۆيۈەنى، گۇاڭشى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى رايون ماركىسىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى، ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش ئەمەلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، ئىلىم ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئەدلىيە ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدىن رايون ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قوغداش جەريانىدىكى مەسىلىلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەكلىپى چۈشەندۈرۈلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قانۇن باشقارمىسى، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تارماقلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چۈشەندۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى ئالدىن ئەسكەرتىش ۋە يامان غەرەزدە بېسىۋېلىش قىلمىشلىرىغا، رايون ماركىلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلو مىسالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش ئەمەلىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن تونۇشتۇردى. تەربىيەلەش كۇرسىدا بەيسې شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، فۇجيەن جېرۇڭ قايچا جەمئىيىتى، شەندۇڭ بىنجۇ جەنخۇا كۈزلۈك چىلان ماركىسىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق رايون ماركىسى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇشتا بىر قەدەر ياخشى، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تەجرىبە، ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى. 
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، تەربىيەلەشكە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تولۇپ تاشقان بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەرقايسى ئوقۇتۇش دەرسلىرىگە كىرىشىپ كەتتى، دەرستە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ، دەرستىن چۈشكەندە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلدى. كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش دەرسلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئوقۇتۇش مەزمۇنى مول، ئەتراپلىق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى چوڭقۇر، قاراتمىلىقى، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە رايون كۇرسلۇق تاۋار ماركىسى كەسپىي بىلىملىرىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئىگىلىتىش كېرەك. كۇرسانتلار بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رايون كۇرسلۇق تاۋار ماركىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاۋار ماركىسى باي دېھقانلار ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىنى ئىشلىتىپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشىمىز. 

كۇرس باشلاش مۇراسىمى
مۇتەخەسىسلەر دەرس سۆزلىمەكتە


كۇرسانىتلار ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىماقتا


كۇرسانىتلار تەجرىبىلىرىنى سۆزلىمەكتە

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش