تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىنىڭ رولى ۋە مۇھىملىقى.

  تاۋار ماركىسى ۋەكالەتچىلىكى ئۆز ۋەكالەتلىك ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، ۋەكالەتچىلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي تەرتىپى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، رويخەتكە ئېلىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، باشقىچە پىكىر ۋە باھالاش ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقتى ئۇزۇن، ھالقىسى كۆپ، ئىزچىللىقى كۈچلۈك بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنىڭ ھەر قايسى تەرتىپلىرىگە ئىنتايىن پىششىق بولۇشى كېرەك، شۇڭا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىمۇ خېلى كەسپىي خاراكتېرلىك ۋە قانۇن بىلىملىرى بولغاندىلا ئاندىن ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. 
  تاۋار ماركىسى قانۇن بىلىملىرىنى پەقەت« تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق يازما بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلا دەرھال ئىگىلىگىلى بولمايدۇ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى ئىگە بولغان تاۋار ماركىسى كەسپىي بىلىملىرى ھەر تەرەپلىمە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق توپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى قانۇن بويىچە تەبىئىي پەيدا بولمايدۇ، بەلكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى قانۇن بەرگەن ھوقۇق ۋە قانۇن ئاساسىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ تەھلىلى ۋە ھۆكۈمىگە ئاساسەن، تەستىقلاش، رەت قىلىش، تولۇقلاش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوبۇل قىلماسلىق قاتارلىق تەكشۈرۈش يەكۈنىنى چىقىرىدۇ. پەقەت يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرىلا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. 
  تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى تاۋار ماركىسى مەسئۇل دائىرىلىرىنىڭ ھەر بىر قانۇن قارارىنى تولۇق تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، نەقىل كەلتۈرۈلگەن قانۇن ماددىلىرىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىغا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا، چىقارغان قارارلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىغا مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بۇ قانۇنىي ھەرىكەتلىرىنى يەتكۈزگەندە، ۋاكالەتچىنىڭ پىكرى، كۆز قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى قوشۇپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تاللىشىغا سۇنۇش كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپى ياكى تەشەببۇسلىرىنىمۇ تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ مۇۋاپىق، قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى، مەسئۇل دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى ئۆزى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ. 
  تاۋار ماركىسىغا دائىر ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش دەۋاسى، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇش، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا رىقابەت، ئىجازەت بېرىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدىكى ماھارەت ياكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۆلچەرلىگەندە، تاۋار ماركىسى تۈرىدىكى بىلىملەرنىڭ كەسپىيلىكى ۋە سىستېمىلىقلىقى ئوخشاشلا كارخانا باشقۇرغۇچىلار ياكى قانۇن خىزمەتچىلىرى ھەل قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا تەجرىبىلىك كەسپىي تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش ياكى ۋاكالىتەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر. 
   شۇڭا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پەقەت ۋاكالەتچىنىڭ مول تەجرىبىسى ۋە پۇختا قانۇن بىلىمى بولسا، يەنە ئالدىن كۆرەرلىكى بولسا، ۋاكالەتچىگە ئەقىل كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەكلىپىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. 
   
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش