ماركا ۋاكالەتچىسىنى توغرا تاللىدىڭىزمۇ؟

  تىجارەت كىنىشكىسىنى بىجىرىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەرگە بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەق ئالمايدۇ،شۇنداقتىمۇ  نىمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ۋاكالەتچىلەرگە ھەق بېرىپ بىجىرىشنى خالايدۇ؟ چۈنكى بۇ رەسمىيەتلەرنى كۆپىنچە شەخسلەر ئۆز ئالدىغا بىجىرگەندە ۋاقتى ئىسراپ بولۇش بىلەن بىرگە توغرا يولىنى تېپىپ بولالماي بىكا ئاۋارە بولۇپ قالىدۇ. ۋاكالەتچىلەر بولسا قانداق بىجىرىشنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ  بۇ رەسمىيەتلەرنى ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق بىجىرىشنى قوللايدۇ. 
  ماركا تىزىملىتىش قاتارلىق كەسپلەرگە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىلمىسا ھەقنى قايتۇرمايدۇ. يەنە كىلىپ ماركا رەسمىيەتلىرىنى مەخسۇس بىجىرىدىغان ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھوقۇق بېرىدۇ ۋە ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق تەرتىپلىك بىجىرىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. ماركا ۋاكالەتچىلىرى شەخسلەرگە ۋاكالىتەن ماركا كەسپلىرىنى بىجىرگەندە ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان رەسمىيەت ھەققىدىن باشقا يەنە ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى قوشۇپ ئالىدۇ، بۇ ئىنتايىن نۇرمال ئەھۋال. پەقەت ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئوخشىمايدۇ. ماركا تىزىملىتىش ئوڭۇشلۇق بولمىسا ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى قايتۇرمايدۇ، چۈنكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى شەخسلەرگە ۋاكالىتەن ماركا كەسپلىرىنى ماركا ئىدارىسىغا يوللاپ بىجىرىش. ئوڭۇشلۇق بولسۇن-بولمىسۇن مۇلازىمەت قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا كەسپلىرىنى بىجىرگەندە ئىچكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمەي، ئوڭۇشلۇق بولمىغاندا پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ.
   ماركا كەسىپلىرى ئادەتتىكى تىجارەت كىنىشكىلىرىنى بىجىرگەندەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتىدىغان كەسپ ئەمەس، ئۇ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ۋاقىت ۋە تەرتىپ بويىچە بىجىرىلىدۇ.ئەگەر ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى توغرا تاللىمىغاندا، سىز پۇل تۆلەپ بىجىرگۈزمەكچى بولغان كەسىپ رەسمىيەتلىرىنى يوللىدىمۇ يوق، كىنىشكا، ئۇقتۇرۇشلىرى چىقتىمۇ يوق بىلەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن. ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەن ماقالنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. بىر كەسىپنى ئۇزۇن مەزگىل، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن كىشى ھەرگىزمۇ ئەرزان باھا بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلىش يولىنى تاللىمايدۇ.باھا ئەرزان بولسا شۇنىڭغا لايىق مۇلازىمەتكە ئېرىشىسىز. شۇڭا، ئىھتىياتچان بولۇپ، ھىلىگەر ۋاكالەتچىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالماڭ. ۋاقتى كەلگەندە سىزنىڭ زىيان تارتىدىغىنىڭىز ئىقتىساتلا بولماستىن بەلكى ياخشى ماركىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بولۇپ قالىدۇ.

 
ھەمبەھىرلەش