شەخسلەر پۇل ئېلىش كودى3-ئاينىڭ1-كۈنىدىن كىيىنمۇ داۋاملىق نۇرمال ئىشلەيدۇ.

3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ شەخسلەر پۇل ئېلىش كودىنى تىجارەتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كود ئىلتىماس قىلىش كىرەك، دىگەن خەۋەر تارقالغىلى خېلى بولدى،بۇ نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنى جىددىيشلەشتۈرىۋەتتى. بۇ جەرياندا يەنە بىرقىسىم 3- تەرەپ پۇل ئېلىش كودى تەمىنلەش شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇل ئېلىش كودلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنداقتا شەخسلەر پۇل ئېلىش ئىككىلىك كودى راستىنلا ئىشلىتىشتىن توختامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىجارەت كىنىشكىسى يوق يول بويىدىكى ئۇششاق يايمىچىلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر قانداق پۇل ئالىدۇ؟
بۇ توغرىلىق 2-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو چىقىم ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەمئىيىتى ،ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋ ئورگان تەرەپ ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەخسلەر پۇل ئېلىش ئىككىلىك كودىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، شەخسلەرنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ، تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئېلىش كودى ئېلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن تىجارەتچىلەرگە پۇل ئېلىش ياردەمچىسى ئەپچىقى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شەخسلەر پۇل ئېلىش ئىككىلىك كودىنى ئىختىيار قىلغان ئەھۋالدا تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىككىلىك كود دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ، شۇنداقلا پۇل ئېلىش كودى تاختىسىنى ھەقسىز تەمىنلەشتىن باشقا، يەنە تىجارەت ھىساۋاتى، تىجارەت ئانالىزى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولىدۇ.

 
جۇڭگو چىقىم ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەمئىيىتىنىڭ سىزىقلىق نومۇر چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
 
  « جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ چىقىم قوبۇل قىلىش تېرمىنالى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو چىقىم قىلىش ھېسابات جەمئىيىتى ئەزا ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، سىزىقلىق نومۇردا چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى. ھازىر تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
بىرىنچى، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا ۋە قولايلىق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان« شەخسىي تىجارەت پۇل كىرىم قىلىش كودى» نى ئىشلەتكۈچىلەر ئەركىن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئابۇنىچىلار« شەخسىي تىجارەتتە پۇل كىرىم قىلىش كودى» نى ئىشلەتكەندە، مۇلازىمەتنى كېمەيتمەسلىك، ھېس قىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، كود بېرىش جەريانىنى ھەقسىز قىلىش ھەمدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سودىدا ھېساب سېلىشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان« شەخسلەر پۇل ئېلىش كودى» تاقالمايدۇ، ئىشلىتىشتىن توختىتىلمايدۇ، ئىقتىدارى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئۈچىنچى، ئابونتلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەزا ئورۇنلار يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئابونتلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
 كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو چىقىم ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەمئىيىتى ئەزا ئورۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇل ئېلىش كودىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، تىك سىزىقلىق نومۇردا چىقىم قىلىش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئابونتلارنىڭ كۆپ خىل چىقىم قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئابونتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىدۇ.

 
جۇڭگو چىقىم ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەمئىيىتى
 2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى.

 
ئۈندىداردا شەخسىي پۇل  ئېلىش كودى ھەققىدە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش
   كەڭ ئابونتلارنىڭ چىقىم قىلىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە چىقىم ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈندىداردا چىقىم قىلىشتا چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خېرىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىنىدۇ:
1- شەخسلەر پۇل ئېلىش كودى 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن داۋاملىق نورمال ئىشلىتىلسە بولىدۇ.
 2- شەخسىي تىجارەتتە پۇل كىرىم قىلىش كودى تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىش  ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن، ئابۇنىچىلارنىڭ پۇل كىرىم قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل كىرىم قىلىش ياردەمچىسىنىڭ ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ، ئابۇنىچىلار ئۆزى خالىغان ئەھۋال ئاستىدا شەخسىي تىجارەتتە پۇل ئېلىش كودى بىلەن تەمىنلەيدۇ، پۇل ئېلىش تاختىسىنى ھەقسىز ئالىدۇ، يەنە تىجارەت ھېسابات دەپتىرى، تىجارەت تەھلىلى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەگەر ئابۇنىچى ئىلتىماس قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، « پۇل كىرىم قىلىش كىچىك ھېسابات دەپتىرى» نىڭ باش بېتى تەدرىجىي ئابۇنىچىغا ئىلتىماس قىلىش ئېغىزىنى ئېچىپ، ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسلەرنىڭ ئەسلىدىكى شەخسىي پۇل ئېلىش كودى ئىشلىتىشتىن توختىمايدۇ، تاقالمايدۇ، ئىقتىدارى ئۆزگەرمەيدۇ. شەخسلەر پۇل كىرىم قىلىش كودى ۋە تىجارەت پۇل كىرىم قىلىش كودى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئۈندىدار ئورگان تەرەپ مۇلازىمەتچىسىدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەشۋىق قىلسا، ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

جىفۇباۋنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىمۇ يوقارقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش

 
قىسقىسى، شەخسلەر پۇل ئېلىش كودى بۇرۇنقىدەكلا نۇرمال ئىشلىتىلىدۇ، شەخسلەر ئىىتىيار قىلغان ئاساستا تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئېلىش كودىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش